«ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى: 1949-2012» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان قازاقىستانلىق پېشقەدەم سىياسىي ئەرباب قەھرىمان غوجامبەردى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى: 1949-2012» ناملىق كىتاب. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان قازاقىستانلىق پېشقەدەم سىياسىي ئەرباب قەھرىمان غوجامبەردى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى: 1949-2012» ناملىق كىتاب. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىياتچىلىققا چەكلىمە قويۇۋاتقان، تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، يازغۇچىلار، ئەدىبلەر تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلماقتا. يېقىندا قازاقىستانلىق پېشقەدەم سىياسىي ئەرباب قەھرىمان غوجامبەردى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى: 1949-2012» ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

قەھرىمان غوجامبەردى يازغان مەزكۇر كىتاب كىرىش سۆز، مۇقەددىمە ۋە 9 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ، كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ 1949-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي ئانالىز ئېلىپ بارىدۇ. 

بىز كىتاب توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەدى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 1990-يىللاردا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا، سىياسەتچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنى بىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ كىتابنى يېزىش پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بايان قىلدى. 

قەھرىمان غوجامبەردى يازغان «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى: 1949-2012» ناملىق كىتابتا كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى يەنى 1949-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان سىياسىي ۋەقەلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان. قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. 

مەزكۇر كىتابنى ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، نەشرىياتنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەزكۇر كىتابنىڭ 2015-يىلى قازاقىستاندا كىرىل ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن نەشر قىلىنغانلىقىنى، بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن ئىملاسىنى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئىملاسى بىلەن كونا يېزىققا ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن تەھرىرلەپ نەشر قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ 1949-يىلىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ۋە چەتئەلدىكى دەۋانىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانداق سىياسىي ۋەزىيەتتە قانداق قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

سىياسىي ئەرباب قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ رۇس تىلىدا يازغان «ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ ئوبيېكتىدا» ناملىق كىتابى 2001-يىلى، «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابى 2008-يىلى، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسى» ناملىق كىتابى 2010-يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ ھەر خىل تىللاردا 250 پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

تولۇق بەت