ئۇيغۇر داۋاسىدىكى يېڭى قەدەم: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىندىن چىققانلار. 2020-يىلى 12-مارت، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىدا يىغىندىن چىققانلار. 2020-يىلى 12-مارت، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 14-ماي كۈنى بىردەك قارار ئېلىپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى-2020» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈمىدلىك بىر نەتىجە بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى خەلقئارادا بىر قۇدرەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى رەسمىي قانۇن چىقىرىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلدى. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى تۇنجى بولۇپ رەسمىي بىر شەكىلدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جازالاش تىزىملىكى بويىچە جازاغا ئۇچرايتتى.

بۇ قېتىم ئاۋازغا قويۇلغان قانۇن لايىھىسى ئىلگىرىكى ئىككى پارچە قانۇن لايىھىسىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن جايلىرىنى كېڭەيتىش ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم چېكىگە يېتىۋاتقاندا ماقۇللىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ خۇرسەن قىلدى. بولۇپمۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بۇ ساھەدە خەلقئارانى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىرلىككە كەلگەن ھېسداشلىق ۋە ئورتاق قوللاشنى كۆپلەپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھاردۇقىنى چىقاردى. ئەنە شۇ خىل پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇشىدەك 21-ئەسىردىكى ئەڭ زور «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشى» مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلاردىكى «ھەركەتتە بەرىكەت» دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھەقلىقىنى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا سۈكۈتتىن كۆرە مەيدانغا چۈشۈشنىڭ ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا گەرچە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىدە يەنە بەزى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈشنىڭ لازىملىقى مەلۇم بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىشقا ئەرزىيدىغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ بىر زور ۋەقە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل يىللاردىن بۇيان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدىن رەسمىي ماقۇللىنىشىغىچە بولغان جەرياندا كۆپ قېتىملاپ غەرب دۇنياسىدىكى ھۆكۈمەت دارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان زۇلۇملاردىن سىستېمىلىق مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ قېتىملىق قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن نۇسخىسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭدا بەزى مۇھىم يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلغان. ئۇ سۆھبەتتە بۇ توغرىلىق ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئەمما نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ھەممە ئىشنىڭ تۈگىگەنلىكى ئەمەس ئىكەن. بۇ لايىھىنىڭ رەسمىي تۈردە بىر قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن يەنە بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بەزى قەدەملەر بولۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۇمۇ بۇ قەدەملەرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. (ئاۋاز 2)

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلۇشى ھەمدە ئاۋازغا قويۇلۇشىغىچە بولغان ئۇزۇن مۇساپىدە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مۇھىم رول ئوينىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش قىلمىشىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەرگە سۇنۇش، بۇ مەسىلىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق بىر پاجىئە بولۇۋاتقانلىقىنى پاكىتلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇ قېتىم ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن قانۇن لايىھەسىگە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ نامىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نامنىڭ قويۇلۇشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە مۇمكىن بولسا تېخىمۇ كۆپ ھەمدەمدە بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئىشلەپ چىققۇچى شەخسلەردىن پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو ۋە ئۇنىڭ مەسلەكداشلىرى بۇ دەسلەپكى غەلىبىنى تەبرىكلىدى. دولقۇن ئەيسا بۇ مەسىلە توغرىلىق گەپ بولغاندا بۇ قېتىمقى ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشنىڭ ئاددىيلا بىر قەدەم ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن كۆپ قىرلىق مەنىلەردىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادۋوكات نۇرى تۈركەلمۇ بۇ جەھەتتە دولقۇن ئەيساغا ئوخشاش پىكىردە. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى مەيلى ئىستراتېگىيە ياكى تاشقى سىياسەت ساھەسىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشى ئۈچۈن بىر ئىجابىي قەدەم بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامىنى توغرا ئاتاش ئۈچۈن ئۇنىڭ Uyghur  دەپ يېزىلىشى لازىملىقىنىمۇ نامايان قىلدى. گەرچە بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىلەر ئۈچۈن «يۈك ئېغىر، مەنزىل ئۇزاق» بولسىمۇ يولنىڭ ماڭغانسېرى ئېچىلىدىغانلىقى ۋە كېڭىيىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت