خىتاينىڭ «غەربىي قىسىمنى يېڭىچە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارغا يېڭى خىرىسلار (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى. 2008-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىلى ئوبلاستى.
«غەربتىن شەرققە تەبىئىي گاز لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى. 2008-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىلى ئوبلاستى.
maginechina

بۇنىڭدىن 21 يىل ئىلگىرى، يەنى 1999-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جياڭ زېمىن «غەربىي قىسىمنى زور كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي ئاخباراتلىرى بۇنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشتە ئالغا كەتكەن شەرقىي قىسمى بىلەن ھەرقايسى جەھەتتە بىرقەدەر كەينىدە قالغان غەربىي قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتقان ئىدى.

ھالبۇكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭدىكى ئەسلى مۇددىئانىڭ خىتايدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى تۈگىتىشنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ غەربىي قىسمىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ھەمدە بۇنىڭغا كېرەكلىك قاتناش-ترانسىپورت، ئاھالە كۆچۈرۈش قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەگە چېتىشلىق بىر قاتار زور قۇرۇلۇشلارنى تاماملاپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئوبوروت ئايلانمىسىنى تېزلىتىش بولغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

بولۇپمۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشىدا بۇ ئەھۋال ئەڭ تىپىك ئەكس ئەتكەن ئىدى. بۇ قۇرۇلۇشتا تارىم ۋادىسىدىكى بۈگۈر نېفتلىكىدىن تاكى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگىچە سوزۇلغان 4200 كىلومېتىرلىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن ماڭدۇرۇلغان تەبىئىي گاز بىلەن شەرقىي خىتايدىكى 15 ‍ئۆلكىدە ياشىغۇچى تۆت يۈز مىليون خىتاينىڭ تەبىئىي گاز مەسىلىسى ھەل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان دېھقانلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىسسىنىش ‍ئۈچۈن كۆمۈرمۇ ئالالمايدىغان ھالەتتىن قۇتۇلالمىغانلىقى بۇنىڭ ماھىيىتىنى ئەڭ تىپىك ھالدا ئېچىپ بەرگەن ئىدى.

2020-يىلى 18-ماي كۈنى خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى (گوۋۇيۈەن) «يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى زور كۆلەمدە ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر» نى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا بۇنىڭ 2020-يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىدىكى بىر نامايەندە بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بۇ قېتىمقى «يېتەكچى پىكىر» دە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان تېمىلار ئىچىدە بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ۋەزىپىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، بولۇپمۇ «غەربىي قىسىمنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئېچىپ، غەربتىن كېلىدىغان بارلىق پايدىسىز ئامىللارغا قالقان بولۇش رولىنى كۈچەيتىش» ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ.

خىتايدىكى «غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىشنى ئالغا سۈرۈش ئۇيۇشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋ خېپىڭ خوڭكوڭدىكى «سىملىق تېلېۋىزىيە» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا غەربىي قىسىمدىكى ئاھالىنىڭ ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇشىدىن ساقلىنىشتا بۇ يېڭى تەدبىرنىڭ مۇھىملىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئاساسلىق نېفت ۋە باشقا ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ئاساسەن غەرب تەرەپتىن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى ئاھالىسى شالاڭ، ئەمما تەبىئىي بايلىقى مول بولغان جايلارنى غەرب تەرەپتىن كېلىدىغان «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشتىكى «قالقانسىمان توسۇق» قىلىش ئۇرۇنۇشى خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بىر قېتىم كۆرۈلگەن ھادىسە ئىدى.

تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ قېتىملاپ بايان قىلىنىشىچە، 1865-يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ياقۇب بەگنىڭ مۇستەقىل خانىدانلىقى بەرپا بولغاندىن كېيىن رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ «بۈيۈك ئويۇن» ئىغا دۇچ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، بولۇپمۇ «ئالتە شەھەر» نامىدا ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارى شۇ ۋاقىتتىكى چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىمۇ بېيجىڭدىكى چىڭ ئىمپېرىيەسى ئوردىسىدا ئالتە شەھەر رايونىدىن ۋاز كېچىش ياكى قوشۇن ئەۋەتىپ بۇ جاينى ياقۇب بەگنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسكىن مۇنازىرە ئەۋج ئالغان. خىتاينىڭ دېڭىز مۇداپىئەسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش تەشەببۇسىدىكى ۋەزىر لى خوڭجاڭغا قارشى خۇنەن ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى زو زوڭتاڭ «ئالتە شەھەر رايونى بىز ئۈچۈن غايەت زور بىر قالقان بولىدىغان رايون. بۇ جاي قولدىن كەتسە موڭغۇلىيە ۋادىسىغا بېسىم چۈشىدۇ، موڭغۇلىيە رايونى قولدىن كەتسە بېيجىڭغا خەۋپ كېلىدۇ،» دېگەن قاراش بويىچە مانجۇ ئوردىسىنى قايىل قىلىپ، ياقۇب بەگكە قارشى ھەربىي قوشۇن تارتقان. بىرنچچە قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى ياقۇب بەگ ئۈزېل-كېسىل مەغلۇپ بولۇپ، چىڭ ئىمپېېرىيىسى ئالتە شەھەرنى ئۆز دائىرىسىگە قوشۇپ، 1884-يىلى بۇ جايغا «شىنجاڭ» دەپ نام قويغان.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئامېرىكادىكى پومونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى درۇ گلادنېي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پەۋقۇلئاددە تارىخىي كەچمىشىنىڭمۇ بۇنىڭدا ئالاھىدە ئىز قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاتىرىسىدە ھازىرغىچە ئۆچمەي ساقلىنىۋاتقان «مۇستەقىللىق» چۈشەنچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەممىدىنمۇ بەك ئەنسىرىتىۋاتقان ئامىل بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئامىللارنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياقارىشىدىن ئۆچۈرۈش كويىغا چۈشمەكتە ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «19-ئەسىردە ياقۇب بەگ قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ ئۇلار بىر مۇستەقىل دۆلىتىنى تىكلەپ چىققان ھەمدە خەلقئارانىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشكەن. 1930-ۋە 1940-يىللىرىدىمۇ ئىككى قېتىم مۇستەقىل بولغان ھۆكۈمەتنى بەرپا قىلىپ چىققان. بۇ جەھەتتن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار تىبەتلەر ۋە تۇڭگانلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مۇستەقىللىق خاتىرىسى ۋە تارىخىغا ئىگە. بۇنى ياخشى بىلىدىغان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشۇنداق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىشىدىن بەكمۇ ئەنسرەيدۇ. يەنە كېلىپ يەر ئاستى بايلىقى بۇنداق مول بولغان بىر رايوننىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىملىقى ھەمدە كەم بولسا بولمايدىغانلىقى بەكمۇ زور دەرىجىدە ئاشكارا بولۇۋاتقان بۇنداق بىر مەزگىلدە بۇ ھالدىن ئۇلار تېخىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قاتتىق بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. بۇ بولسا دەل بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى ‹قايتا تەربىيەلەش مەكتىپى› دەپ ئاتىغان بولسىمۇ بىز بۇنى ‹يىغىۋېلىش لاگېرى› دەپ ئاتايمىز. چۈنكى بۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بۇ يەرگە ئۆزلۈكىدىن خالاپ كەلگەن ئەمەس، ئەكسىچە مەجبۇرلاپ قامالغان كىشىلەردۇر. ھازىر ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا بۇ كىشىلەرنىڭ سانىنى ئىككى مىليونغا يېتىدۇ، دەۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەنسىرەش تۇيغۇسى ھازىر ئاللىقاچان سىياسەتلەردە ئەكس ئەتكەندىن باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئاشكارا تىلغا ئالىدىغان تېمىلاردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇلارغا «ئۇيغۇرلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش» ھەققىدە تەربىيە بېرىش باھانىسىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىش تەشۋىقاتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

«سىلەر شىنجاڭ ۋە تىبەتنىڭ قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتىكى رايونلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ غەرب جاھانگىرلىكى ئاللىقاچان ئافغانىستانغا كىرىپ بولدى. نېمىشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جايغا كۆزى چۈشۈۋاتىدۇ؟ چۈنكى بۇ جايدىكى مىس ۋە تۆمۈر كان بايلىقلىرى بەك مول. ھازىر بىز نېمىشقا شىنجاڭنى ۋە تىبەتنى زور كۆلەمدە ئاچىمىز، دەيمىز؟ ھازىر جۇڭخۇا مىللىتى باي بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى رايون بولسا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا داۋاملىق باي بولۇشىنىڭ ئاساسى. شۇڭا مەن گۇاڭجۇغا كەلگەن شىنجاڭلىقلارنى ‹كەل، قېرىندىشىم› دەيمەن. چۈنكى شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئەڭ باي رايون. قالغان يەتتە-سەكىز ئىستانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىپ كەلسىمۇ شىنجاڭنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسىگە دالدا بولالمايدۇ. شۇڭا ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپلا قويساق كۇپايە قىلمايدۇ. بىز بېرىپ شىنجاڭنى ساقلىمىساق كىم ئۇ يەرنى ساقلاپ قالىدۇ؟ بۇ جاينى قولدىن بېرىپ قويساق ئەجدادلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيلا قالماستىن يەنە ھازىر بىلەن قوشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىمىزنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغان بولىمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەندىشىلىرىدىن خالاس بولۇش ئۇرۇنۇشلىرى يېقىندا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس ھۆججەت ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى بولسا يەنە بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ.

داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت