پائالىيەتچىلەر «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 4-يانۋار.
REUTERS

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاتالمىش ‹يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار› نورمال ياشاۋاتىدۇ، ‹#تېخىچە ئۇچۇر يوق› سەپسەتەسىنىڭ ماھىيىتى ئېچىپ تاشلاندى» سەرلەۋھەلىك ماقالىنىڭ باشلىنىشىدىلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن پائالىيەتچىلەر قوزغىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرگە نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىنغان.

ماقالىدە «چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار ‹خىتايدا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئىزدەش› نامىدا تور ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتىنى قارىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا. ئۇلار توردا ئۇچۇر تارقىتىپ، 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنغان ‹ئىلگىرى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكى› ھەققىدىكى باياناتقا قارشى ھالدا ‹بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يوقاپ كەتتى› دېگەن يالغان تەشۋىقاتنى ئېلىپ بارماقتا،» دېيىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە چەتئەللەردە داۋاملىشىۋاتقان ‹#تېخىچە ئۇچۇر يوق› ھەرىكىتىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يالغان ئېيتىۋاتقانلىقى› تەكىتلىنىپ، «تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى تۈگىتىپ، زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ۋە ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى› بايان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە چەتئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلىرىغا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات خارى ئۇيغۇر قاتارلىق شەخسلەر ۋە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار تىلغا ئېلىنىپ، ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.

ماقالىدە ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەسىلەن ئالايلۇق، ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ‹#مەنمۇ ئۇيغۇر› ھەرىكىتىنى قوزغىغان خالمۇرات خارىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى بايقالدى. ئۇلار ئاۋۋال بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، ئاندىن ئۇلارنى ‹شىنجاڭدا يوقاپ كەتكەن تۇغقانلار› دەپ ئېلان قىلدى. ئۇلار چەتئەللەردىكى تاراتقۇلاردا ئىغۋا تارقىتىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرىدە بولدى. بەزى تەشكىلاتلارمۇ بۇ خىل ھەرىكەتلەردە بولدى. بولۇپمۇ ‹كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى› بۇ خىل ئىغۋالارنى تارقىتىشتا ئاكتىپ بولدى.»

مەزكۇر ماقالىدە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن روشەن ئابباس خانىم بىلەن خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ھۇجۇمىغا قاتتىق رەددىيە بەردى.

روشەن ئابباس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 15 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېنىق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە بۇنداق ئەپقاچتى بوھتانلارنى دۆڭگىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە ئوخشاش ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە ھەر خىل قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ بوھتان چاپلىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر گېزىتنىڭ تېخى يېقىندىلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئاقمايۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تونۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكاغا ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە يۇقىرى قاتلامدىكى سىياسىيونلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋاام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار چىقىرىلىشىدەك بىر قاتار خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

فىنلاندىيەدىكى خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى ئالدى بىلەن «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دە بۇنداق بىر ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر ئۈنۈمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خالمۇرات ئەپەندى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزى قوزغىغان ‹#مەنمۇ ئۇيغۇر› ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى يالغانچىلىقلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خالمۇرات ئەپەندى يەنە يۇقىرىقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «ئۇيغۇرلار نورمال ھاياتتا ياشاۋاتىدۇ» دېگەن بايانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خالمۇرات ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە ئاتا-ئانىسى لاگېردىن ئۆيگە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنىلا قاتتىق نازارەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، پاسپورتى تارتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتئەلدە ياشاۋاتقان يالغۇز ئوغلىنى يوقلاش ئەمەس، ھەتتا ئوغلى بىلەن نورمال تېلېفون ئالاقىسى قىلىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ يوقلۇقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە سوئال قويدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا خالمۇرات ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىدا نورمال تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقان ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇردىن نۆۋەتتىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىگە ئايلىنىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت