خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئىچكىرىدە زامانىۋى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تەيگۇاڭ(Tai Guang) ئاياق زاۋۇتىدا قوللىرىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر. 2019-يىلى ئۆكتەبىر. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
تەيگۇاڭ(Tai Guang) ئاياق زاۋۇتىدا قوللىرىدا خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر. 2019-يىلى ئۆكتەبىر. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
aspi.org.au

كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ۋۇخەن ئەتراپىدىكى ۋابا ئەڭ كۆپ تارقالغان جايلارغا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى دىققەت نۇقتىسى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقاتنى باشلىۋەتكەن. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش مەقسىتىدىكى تەشۋىقات ئويۇنى كارغا كەلمەيدىكەن.

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ كورونا ۋىرۇسى تارقالغان مەزگىلدە ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋۇخەن ئەتراپىدىكى ۋابا ئەڭ كۆپ تارقالغان جايلاردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى، خەۋەر قىلىنغان. ھەتتا بىر قىسىم مۇلاھىزىلەر بۇ ياشلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن خىتاي زاۋۇتلىرىغا بىۋاسىتە يۆتكەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەر بۇنى ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشلەتكۈچى زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى قوزغالغان، شۇنداقلا بۇ مەسىلە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» دە ئورۇن ئالغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات جۈملىدىن ئامېرىكا سىياسىيونلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قېلىشى خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئورنى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا 11-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان «يۇرتىدىن چىققان شىنجاڭلىق ئىشچىلار: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق، كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋارمىز» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر شۇ خىلدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر خىتاي ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، 30 نەچچە يەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدە بەس-بەستە تارقىتىلغان.

خىتاي كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلغان بۇ خەۋەر «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، زامانىۋىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر مىللەتنىمۇ ئايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن قېلىپلاشقان شوئار بىلەن باشلانغان. ئاندىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادتا كەينىدە قالغان، بولۇپمۇ ئالاھىدە نامرات بولغان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت (ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن)، بىر ئوبلاست (قىزىلسۇ) قاتارلىق جايلاردىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى يەرلىك زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جياڭسۇ، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتى ئالاھىدە ياخشى ئىكەن، ھالال تاماق يېيەلەيدىكەن، «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىدىكەن، ھۈنەر-تېخنىكا ئىگىلەيدىكەن. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايوندىكى ئۆلكىلەردە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ يىللىق مائاشى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 4 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.

خەۋەردە يەنە يۇقىرىقى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كەلگەن ئونغا يېقىن ئىشچىنىڭ ئاغزىدىن ئۇلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ ئىشلەپ خېلى كۆپ پۇل تاپقانلىقى، يۇرتتىكى ئائىلىسىگە ياردەم قىلالىغانلىقى، بۇ يەردىكى زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەكمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكى، كەلگۈسىگە زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقى ھەققىدە مىساللار كەلتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن گويا ئۇلارنىڭ تولىمۇ چەت، نامرات، قالاق يەردىن كەلگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلىقى، بۇ يەرگە كېلىپ بىردىنلا زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشىپ، بۇ مۇھىتتىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا بەخت ياراتقانلىقى دېگەندەك نۇقتىلار ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىدۇق.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق ساختىپەزلىكى ۋە كۆز بويامچىلىقىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، بۈگۈنكى بۇ تەشۋىقاتى شۇنىڭ داۋامى ئىكەن.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش تورى بولغان بەيدۇدىن ئېنىقلاپ كۆرۈشىمىزچە، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2005-يىلدىن باشلاپ، ئىچكىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەشنىڭ شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان مۇھىم سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2009-يىل «5-ئىيۇن ۋەقەسى» دىن كېيىنمۇ بۇ تەشۋىقاتىنى كۈچەپ داۋاملاشتۇرغان. بۇ ئارقىلىق خىتاي «5-ئىيۇن ۋەقەسى» گە سەۋەب بولغان خاتا سىياسىتىنى بار كۈچى بىلەن ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. ئىككىنچى قېتىم بۇ تەشۋىقات 2017-يىل 3-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاينىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيىتىگە بېقىپ داۋاملىشىپ ھەم كۈچىيىپ كەلگەن. 2018-يىل 2-ئايدا ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن سىچۈەننىڭ مىيەنياڭ شەھىرىگە ئايروپىلان بىلەن توشۇپ كېلىنگەن 215 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ، 2019-يىل 3-ئايدىن باشلاپ خوتەن قاراقاشتىن خۇبېيغا توشۇپ كېلىنگەن 131 نەپەر قىزنىڭ «بەختلىك تۇرمۇشى» شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. «كومپارتىيە تورى» 2020-يىل 9-مارت «ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش جېڭىدا بوشاپ قالمايمىز، نامراتلىققا قارشى تۇرۇش جېڭىدا توختاپ قالمايمىز-جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىرۇس مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بەزىلىرىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەشنىڭ پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشى ۋە بېسىمىغا ئۇچرىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، لاگېرلاردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ قۇل ئىشچى قىلغان. بۇ مەسىلىمۇ خەلقئارادىكى كۆزەتكچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ، بۇ جىنايەتنى توسۇش توغرۇلۇق ئامېرىكا پارلامېنتىدا قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ تەشۋىقاتنى باشلىغان.

ئامېرىكادا ماقۇللاشتىن ئۆتۈپ ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ 8-باب 2-ماددىسىدا «يۇقىرى دەرىجىدە كونتروللۇق ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ھېسابلاش»، 4-ماددىسىدا بولسا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنى باھالاش، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان چەت ئەل شىركەتلىرى ۋە سانائەت تۈرلىرىنى ئېنىقلاش» دېگەن تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن مەيلى ئورگان سودىسى ياكى تاۋار سودىسى ئۈچۈن بولسۇن خالىغانچە پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھازىر پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر جىنايەت بولۇپ، خىتاي ئۆزىنى ھەر قانچە پەردازلىسىمۇ بۇنى يوشۇرۇپ قالالمايدىكەن. خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ خەلقئارادا رەسۋالىشىپ، دىپلوماتىيەدە مەغلۇپ بولسىمۇ تەن بەرمەي، ئۆز ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىرلىشىپ تەييارلىغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار-قايتا تەربىيەلەش، مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىك ۋە شىنجاڭدىن ھالقىغان نازارەت» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كارخانىلىرى 80 مىڭ ئەتراپىدا ئەرزان (ياكى ھەقسىز) ئەمگەك كۈچىدىن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە پايدىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى 2017-يىل بىلەن 2019-يىل ئارىسىدا لاگېردىن چىققان، بىر قىسمى لاگېرغا كىرىشتىن قورقۇپ ئىشلەشنى تاللىغان ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىكەن. بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى 27 زاۋۇت 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇلارنى توشۇپ كېلىپ ئىشقا سالغان. بۇ زاۋۇتلار دۇنيادىكى 83 داڭلىق ماركىنىڭ پارچىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار ئىكەن.

خىتايدا كورونا ۋىرۇسى تارقالغان مەزگىلدە فېۋرالنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە ۋۇخەنگە يېقىن بولغان خۇنەن، فۇجيەن، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە 1500 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىشلەمچىلىككە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، 26-فېۋرال بىر كۈندىلا قەشقەردىن 242 نەپەر ياشنىڭ ئايروپىلان بىلەن چاڭشاغا توشۇپ كېلىنگەنلىكى رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنغانىدى. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ ياشلار قاتتىق ئىنتىزام ۋە چەكلىمە ئاستىدا، كامېرا ۋە پايلاقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشلەيدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكرىنى بايان قىلىپ، گەرچە خىتاي گەرچە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىچكىرىدە قۇل ئىشچى ھېسابىدا ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى بەختلىك كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ، شۇنچە كۆپ جىنايى پاكىتلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاپ بولالمايدىغانلىقى، خەلقئارانىمۇ ئالداپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» گە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش توغرۇلۇق ماددىلارنىڭ قېتىلىشى خىتاينىڭ ئۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ كېرەككە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى چەكلەش تەكلىپى سۇنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار بار ئىكەن. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى خىتاينىڭ يالغان ۋە تەتۈر تەشۋىقاتىنى چەكلەش ئۈچۈن تىۋىتتىر شىركىتى 170،000 مىڭ ئابونتنىڭ ھېسابىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ يالغانچىلىقى ۋە كۆز بويامچىلىقىنىڭ ئەمدى ئاقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت