ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (13)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ 1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا قوزغىغان سىياسىي دولقۇنلىرىدا سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەن بىر ئەۋلاد كىشىلەر.
خىتاينىڭ 1950-1960-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا قوزغىغان سىياسىي دولقۇنلىرىدا سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەن بىر ئەۋلاد كىشىلەر.
RFA/Qutlan

ئون ئۈچىنچى قىسىم: «ئېچىلىپ-سايراش» تا سايرىغان ئابدۇرەھىم ئەيسا

1956-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدوڭ «بارچە ئېقىملار بەس-بەستە سايرىسۇن، ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلسۇن» دېگەن خىتايچە 8 خەتلىك يوليورۇق ئېلان قىلىپ، ئىلىم-پەن ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى پۈتكۈل سەرخىللەرنى «ئېچىلىپ سايراش» قا دەۋەت قىلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىن باشلانغان بۇ «ئېچىلىپ-سايراش» ھەرىكىتى شۇ يىلى پۈتكۈل خىتاينىڭ جاي-جايلىرىنى قاپلايدۇ. بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ ئاۋۋال ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا باشلىنىپ، كېيىنچە ئالىي مەكتەپلەرگە، مائارىپ ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە، ئاخىرىدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا كېڭىيىدۇ.

يازغۇچى سۆيۈنگۈل چانىشېف ئۆزىنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق بىيوگرافىك ئەسلىمىسىدە 1950-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا تېببىي ئىنستىتۇتتا «ئېچىلىپ-سايرىغان» ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر يىلدىن كېيىن قانداق ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ.

ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن سايرىغۇچىلار ‹ئوڭچى›، ‹يەرلىك مىللەتچى›، ‹ئوڭغا ماھىل تەنقىد ئوبېيكتى› دېگەن تىپلارغا بۆلۈنۈپ، كۈرەش قىلىش باسقۇچى باشلاندى. ‹ئوڭچى›، ‹يەرلىك مىللەتچى› دەپ قالپاق كىيگۈزۈلگەنلەر مەكتەپنىڭ چوڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈرەش يىغىنىدا ھەر كۈنى ئوتتۇرىغا تۇرغۇزۇپ قويۇلاتتى. ئۇلارنى ‹مەسىلەڭنى تاپشۇر! › دەپ قىستايتتى. ئۇلار ئاغزىنى ئېچىپ سۆز قىلغۇچە بىرقانچە ئاكتىپ ئوقۇغۇچىلار سەكرەپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، بارماقلىرى بىلەن كۆزلىرىگە چوقۇپ، قاپ-قارىسىغا تۆھمەت قىلاتتى. كېكىردەكلىرى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ شوئار توۋلايتتى. ئۇلارغا قوشۇلۇپ پۈتۈن زالدىكى ئادەملەر تەڭ شوئار توۋلاشقا توغرا كېلەتتى. ئەگەر بىر ئادەم شوئار توۋلىماي قالغان بولسا ياكى مۈگدەپ قالغان بولسا، شۇ مىنۇتتا ئوتتۇرىغا سۆرەپ چىقىپ ‹جىنايەتچىگە ھەسسىدارلىق قىلدى› دەپ ئۇلارنى ئۇرۇپ كۈرەش قىلاتتى. زالدا تاماكىنىڭ كۆك ئىسلىرىدىن كۆزنى ئاچقىلى بولمايتتى. ئادەمنىڭ روھىنى ئازابلايدىغان بۇ كۈرەش يىغىنلىرىدىن تويۇپ، بىزار بولۇپ كېتەتتۇق…»

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانىدىمۇ 1956-يىلىدىكى «ئېچىلىپ-سايراش» تا سايرىغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بىر قاتار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كېيىنكى 20 يىللىق سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردىكى ئېچىنىشلىق ھاياتى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.

1956-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى «ئېچىلىپ-سايراش» دولقۇنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى كۆپلىگەن يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە سەنئەتكارلار ئوتتۇرىغا چىقىپ «سايرايدۇ». شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى زىيا سەمىدىدىن تارتىپ زۇنۇن قادىرى، قاجى قۇمار، مىرزاھىت كېرىمى قاتارلىق يازغۇچىلارغا قەدەر «سايرايدۇ». ھالبۇكى ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، 1957-يىلىغا كەلگەندە «سايرىغان» يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى «زەھەرلىك چۆپ» قاتارىغا چىقىرىلىدۇ.

1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا سىياسىي دىياگنوز قويغان خىتاي تەتقىقاتچىسى ئوۋياڭ كېشىڭ «1957-يىلى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ پارتىيەگە، سوتسىيالىزمغا قارشى تۈرلۈك زەھەرلىك چۆپلەرنى تېرىغان، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ژۇرناللاردا سىياسىي خاتالىقلار بىلەن يەرلىك مىللەتچىلىك ئىدىيەلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر ئەڭ كۆپ ئېلان قىلىنغان بىر يىل بولدى،» دەپ يازىدۇ.

1958-يىلى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ساھەسىدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن پەتتارجان مۇھەممەدى بىلەن يېرغالى بىرلىكتە ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «1957-يىلى نەشىر قىلىنغان ‹تارىم› ژۇرنىلىنىڭ 12 سانىدا جەمئىي 254 پارچە ئەسەر ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 61 پارچە ئەسەردە سىياسىي خاتالىق مەۋجۇت. قازاقچە ‹شوغلا› ژۇرنىلىدا جەمئىي 281 پارچە ئەسەر ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 9 پارچە ئەسەردە سىياسىي ئىدىيە خاتالىقى مەۋجۇت. قالغان ئەسەرلەردە گەرچە چوڭ مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما يېرىمىدىن كۆپرەك ئەسەرلەر ئىدىيە جەھەتتە ساغلام ئەمەس.»

بۈگۈن تاشكەنتتە ياشاۋاتقان 86 ياشلىق مەرۇپ ئەيسا 1956-يىلىدىكى «ئېچىلىپ-سايراش» تا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ نازارەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ «سايرىغان» كىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ئۇ يەنە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نېفىت ۋە يەر ئاستى بايلىقلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىق مەسىلىسى، مىللىي دارامەتنىڭ مىللەتلەر ئارا تەقسىملىنىش مەسىلىسى، ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى مەسىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردە «راسا سايرىغانلىقى» نى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ «ئېچىلىپ-سايراش» ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە تېخىمۇ سەزگۈر بولغان مىللەتلەر ۋە دىن مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ «ئۇيغۇرىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى» مەسىلىسىگە بېرىپ تىركىلىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسا «ئېچىلىپ-سايراش» مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ 18 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىسىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «18 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپتۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا سىياسەتنىڭ بېشىدا تۇرغان بىزلەر ھېچنېمە قىلالمىدۇق.»

شۇنداق قىلىپ، 1958-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلگەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت سەرخىللىرىگە تۈرلۈك شەكىللەردە زەربە بېرىلىدۇ. 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش بويىچە خۇلاسە يىغىنى» ئېچىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، نىزامىدىن ھۈسەيىن قاتارلىق بىرقانچىلىغان تەجرىبىلىك تەھرىرلەر قولغا ئېلىنىدۇ.

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خانىمى خەلچەم تىلەشېۋا ئۆز ئەسلىمىسىدە شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۈستىدىكى رېجىم ۋاقتى توشۇپ، يېرىم يىل ئۆتەر-ئۆتمەيلا، يەنى 1957-يىلى كىرىشى بىلەن ‹ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى› باشلىنىپ، بىرىنچى پاي ئوق يەنىلا ئۆتكۈرگە قارىتىپ ئېتىلدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە گېزىتخانا تېمىغا چوڭ خەتلىك تام گېزىتى (دازىباۋ) چاپلانغانلىقىنى كۆردۇق. قارىساق، بۇ تام گېزىتى ئۆتكۈر ئۈستىدە يېزىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدا ‹ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى›، ‹پان-تۈركىست›، ‹ئەيسا-ئىمىنلەرنىڭ قول چومىقى›، ‹چەتئەلگە قاچماقچى بولغان ئەكسىلئىنقىلابىي ئۇنسۇر› دېگەنگە ئوخشاش كونا قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ، تىللاپ يېزىلغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈرنى توختىماي ئىككى يىل كۈرەش قىلدى. بۇ كۈرەش 8 سائەتلىك خىزمەتنىڭ سىرتىدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى دازىباۋلار بىلەن ھەجۋىي رەسىملەر چاپلىنىپ تۇرىدىغان بولدى، ھەتتا مېنىمۇ قوشۇپ سىزاتتى… ھەتتا قىزلىرىمىزنىڭ ‹گۈلسۈمئاي›، ‹چولپان› دېگەن ئىسىملىرىنىمۇ ئىككى كۈن كۈرەش قىلدى. يەنى ‹ئۆتكۈر قىزلىرىنىڭ ئىسمىنى تۈركىيە بايرىقىنىڭ سىمۋولى قىلىپ قويدى›، ‹ئاي-يۇلتۇز دەپ ئىسىم قويدى› دەپ كۈرەش قىلدى. 1959-يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈرنى قولغا ئالدى. قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندىدىن باشقا يەنە تەجرىبىلىك ئۇستا تەھرىر نىزامىدىن ھۈسەيىن، ھوشۇر مۇسا دېگەن ياش تەھرىر يىگىت، غوپۇر چوڭ دېگەن تەرجىمان كىشىمۇ بار ئىدى. بۇ 4 كىشىنىڭ ئۈچى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا، يالغۇز ئۆتكۈر ئەپەندىلا سىياسىي مەھبۇسلار تۈرمىسىگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئەۋەتىلدى.»

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن 1997-يىلى تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇ كۈنى ئابدۇللا زاكىروف، ھۈسەيىن ئەبەيدۇللا دېگەنلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داغدۇغىلىق يىغىن ئېچىلىپ، قولغا ئېلىندۇق. مەن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، غوپۇر چوڭ قاتارلىق 3 كىشى بىرلىكتە قولغا ئېلىندۇق ۋە شۇ كۈنى تۈرمىگە ئاپىرىپ بېرىلدۇق. تۈرمىدە تۇردى سامساق، ئىنايىتۇللا ھېلىمى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئەزىز نىيازى، قاجى قۇمار، شۈكۈر يالقىن، ئابدۇۋەلى گۈلى، مۇتەللىپ ئابدۇللا…قاتارلىق يازغۇچى، دوختۇر ۋە ئالىملاردىن 400 دىن ئارتۇق كىشى بار ئىكەن.»

مەرۇپ ئەيسا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» تە قولغا ئېلىنغان، جازالانغان، ھەتتا ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن سەرخىللەرنىڭ مەسىلىسىدە باش تارىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش دوكلاتى» نى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 4 قېتىم تولۇقلاپ يازغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا 1960-يىللاردا غېنى باتۇر بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئۇنىڭ ھەسرەت بىلەن: «ئۆز ۋاقتىدا سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن ئابدۇللا زاكىرنى ئېتىپ تاشلىمىغانلىقىم مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىمدۇر،» دېگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ.

1957-1958-يىللىرىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» دولقۇنىدا ئابدۇرەھىم ئەيسا قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەنە مىڭلىغان كىشىلەر يىللارچە ناھەق جازالىنىدۇ. 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا سەيپىدىن ئەزىزى ھوقۇقىدىن ئېلىنىپ، بېيجىڭدا مىرزاقاماقتا ياتقان يىللىرىدا ئاندىن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن ئەسلىمىسىنىڭ 3-تومىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن ئاشۇ 20 يىل جەريانىدا ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يەتكۈچە چەككەن يولداشلارنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىكمەن. ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىكمەن. مەن دائىم شۇ ئەھۋاللارنى ئەسلىگىنىمدە ئۆزۈمدە بىر تۈرلۈك ئېچىنىش، ئەپسۇسلىنىش ھېس قىلىمەن.»

مەرۇپ ئەيسا ئەينى ۋاقىتتا شۇنچە زور مەسئۇلىيەتلەردىن قاچقان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «مەن قورچاق رەئىس بولۇپ قالدىم،» دەپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. (داۋامى بار)

تولۇق بەت