ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (15)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىدىكى ياركەند سارىيى ئالدىدا چۈشكەن كوللېكتىپ سۈرەت. (1950-يىل باھار، سىرىناگار)
مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار كەشمىرنىڭ سىرىناگار شەھىرىدىكى ياركەند سارىيى ئالدىدا چۈشكەن كوللېكتىپ سۈرەت. (1950-يىل باھار، سىرىناگار)
RFA/Qutlan

ئون بەشىنچى قىسىم: سوغۇق ئۇرۇش ۋە مەككىدە كۈچ سىنىشىش

1955-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ باندوڭ شەھىرىدە ئېچىلغان «ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى يىغىنى» دىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دۇنيادىكى ئىككى چوڭ لاگېر، يەنى غەرب لاگېرى بىلەن كوممۇنىزم لاگېرى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا رەسمىي ئېچىلىدۇ.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيبېيدا «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى» تەسىس قىلىدۇ. 1950-يىلى تىبەت يولى بىلەن تەيۋەنگە قېچىپ كەلگەن قۇمۇل ۋالىيسى يولبارس «سۈرگۈندىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى» نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. يولبارس تەيبېيدىكى گومىنداڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، كوممۇنىست خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تارتىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

يولبارس شۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەپەندىلەر، مەن سىلەرگە ئېيتسام، پېقىر يولبارس شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇرمەن. مەن نېمىشقا شىنجاڭدىن قېچىپ چىقتىم؟ چۈنكى مەن گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ ئەزاسىمەن، مەن ئۇ يەردە قەپ قېلىپ: ‹بۈگۈن كومپارتىيە ياخشى› دەپ، ئەتىسى يەنە بىر پارتىيەنى ماختاپ كۈن ئۆتكۈزگۈم يوق. مەن ئۇنداق ئادەم ئەمەسمەن. جۇڭخۇا مىنگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھالبۇكى، بۈگۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ چېكىۋاتقان ئازابلىرى بىلەن تارتىۋاتقان زىيانلىرى كىمنىڭ سەۋەبىدىن بولدى؟ بۇ ئەلۋەتتە شىنجاڭ خەلقىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى جاڭ جىجۇڭ دېگەن ئەبلەخنىڭ سەۋەبىدىن بولغان زىياندۇر.»

يولبارس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ‹بۈگۈن سۆھبەت ئۆتكۈزىمىز› دېيىلسە، ئەتىسى ‹كېلىشىم ھاسىل قىلىمىز› دېيىلىۋاتىدۇ؟ يەنە نېمە سۆھبەت، يەنە نېمە كېلىشىم بولسۇن؟ كوممۇنىست ئوغرىلار بىلەن مۇرەسسەلەشكىلى بولامدۇ؟ ھازىر ماۋ زېدوڭ جۇڭگولۇقلارنى داھىيسى دېيىلىۋېتىپتۇ. ئۇ قانداقمۇ داھىي بولسۇن!»

ئاخىرىدا يولبارس مۇنۇ سۆزلەر بىلەن نۇتقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «بىزنىڭ شىنجاڭدىكى 7 مىليون خەلق كوممۇنىستلارنى ھەرگىزمۇ ھىمايە قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئۇيقۇسىنى ئېچىشىنى، سەگەك بولۇشىنى، ئىتتىپاقلىشىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. كوممۇنىست ئوغرىلارنىڭ قولىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن يۇرتقا قايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بۇ يىل قايتالمىساق، كېلەر يىلى چوقۇم قايتىپ كېتىشكە ھەممىمىزنىڭ بىردەك ئىشەنچىمىز بولسۇن! . . .»

1955-يىلىدىن باشلاپ تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن تەيۋەندىكى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى» كەشمىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۆمەكلەر ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنى ئۆزىگە تارتىشقا ئۇرۇنىدۇ. مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە كېلىش تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى باش ئەلچىسى ما بۇفاڭ بىلەن تەيبېيدىكى ئاتالمىش «سۈرگۈندىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى» نىڭ رەئىسى يولبارسبەگنى مەككىگە ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلماقچى بولىدۇ.

مانا مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى «ھەج تاۋابىتى» نامىدا مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەۋەتىش قارارىغا كېلىدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدە بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى يېتىم ھالىتىدىن قۇتۇلۇش ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئىككىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ماسلىشىش ۋە تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى بولغان مەككىدە كۈچ سىنىشىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.

شۇنداق قىلىپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى 1956-يىلى بۇرھان شەھىدىنىڭ باشچىلىقىدا، 1957-يىلى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ باشچىلىقىدا، 1958-يىلى ئەنۋەر جاكۇلىننىڭ باشچىلىقىدا 3 قېتىم «خىتاي دۆلەتلىك ھەج ئۆمىكى» تەشكىللەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەۋەتىدۇ.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان ئەللىرىگە، بولۇپمۇ مەككىگە «قىزىل ھاجى» لار ئۆمىكى ئەۋەتىپ، كوممۇنىزم تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش ئىستراتېگىيەسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ.

1956-يىلى CIA نىڭ ئالاھىدە خادىمى ئەھمەد كامال بىرمۇ تۈركىستانلىق مۇھاجىر بولمىغان ھىندونېزىيەدە «تۈركىستان ئازادلىق جەمئىيىتى» قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ بىر قىسىم ھىندونېزىيەلىك مۇسۇلمان ياشلىرىنى بۇ تەشكىلاتقا جەلپ قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئىككى تۈركىستان تۇپراقلىرى ۋە بۇ تۇپراقلاردىكى خەلقلەرنىڭ ھۈررىيىتى ئۈچۈن كۈرىشىشكە، كوممۇنىزم تەھلىكىسىنىڭ ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسىرىنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

ئەھمەد كامال 1935-يىلى ھىندىستان ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان شۇنداقلا قەشقەر، قاغىلىق، خوتەنلەردىكى نۇرغۇن ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان تۇنجى ئامېرىكالىق كىشى ئىدى. ئۇ شۇ يىللاردا ئالدى بىلەن خوتەندىكى تۇڭگان گېنېرال ما خۇسەننىڭ، كېيىنچە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ياتىدۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئامېرىكاغا قايتىپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئەھمەد كامال 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا كېڭىيىۋاتقان ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە يەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ميۇنخېندا تۇنجى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ رۇس كوممۇنىزمىغا قارشى ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىدۇ.

1956-يىلى CIA نىڭ يەنە بىر ئالاھىدە خادىمى روزى نەزەر ئامېرىكادىكى تاتار يىگىت خەمىت رەشىت بىلەن بىرلىكتە ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئۇلار ئىككىسى شۇ يىلىدىكى ھەجدە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھ بولغان كەبىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن «ھەج تاۋابىتى» غا ئەۋەتىلگەن «قىزىل ھاجى» لار بىلەن يۈزلىشىدۇ. ئىئان جونسوننىڭ «ميۇنخېن جامەسى» ناملىق كىتابىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، روزى نەزەر كەبىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن سومكا ئېسىپ، ئېھرام باغلاپ ئايلىنىۋاتقان سوۋېت «قىزىل ھاجى» لىرىغا قاراپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق خىتاب قىلىدۇ: «ئەي، قىزىل ھاجىلار! ئاللاھنىڭ مۇقەددەس يېرى بولغان كەبىدە، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىگاھى بولغان ھەرەمدە راست گەپ قىلىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەر راستىنلا مۇسۇلمانلارنىڭ بەش پەرزىنىڭ بىرى بولغان ھەج تاۋابىتى ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىڭلارمۇ ياكى دىنسىز بولشېۋىكلەرنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ قەلبىڭلاردا ئاللاھغا بولغان تائەت-ئىبادەت بارمۇ ياكى قىزىل موسكۋانىڭ سىياسىي يوليورۇقى بارمۇ؟. . .»

دېگەندەك، 1956-يىلىدىكى ھەج پائالىيىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەۋەتكەن «ھەج ئۆمىكى» ھەرەمدىكى مىليونلىغان ھاجىلار ئارىسىدا قاتتىق رەسۋا بولىدۇ. شۇ يىلى بۇرھان شەھىدى باشچىلىقىدا ئەۋەتىلگەن «خىتاي دۆلەتلىك ھەج ئۆمىكى» مۇ قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار بۇرھان شەھىدىنىڭ قىزىل خىتاي ئۈچۈن مەككىدە ئېلىپ بارغان سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بۇرھان شەھىدىنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىپ: «بۇرھاندەك بىرىنچى نومۇرلۇق خائىن بىلەن قۇتسال تۇپراقلاردا يۈز كۆرۈشۈش ۋەتەننى ساتقانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس،» دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى مانا مۇشۇنداق بىر قىيىن ئەھۋالدا 1957-يىلى ئابدۇرەھىم ئەيسانى «خىتاي دۆلەتلىك ھەج ئۆمىكى» نى باشلاپ، ھەرەمگە بېرىشقا قىستايدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ شۇ يىلى ھەرەمدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن مەخپىي ئۇچراشقانلىقى، ئۇنۇڭغا ۋەتەنگە قايتىپ كەلمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

ھالبۇكى، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەرەمدە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى ۋە بۇنى دەلىللەيدىغان ئىككىنچى بىر مەنبە قولىمىزدا يوق. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئۆزىنىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 2-قىسمىدا 1957-يىلى ئۆزىنىڭ پولات قادىرى بىلەن بىللە ھەجگە بارغانلىقىنى، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھەرەمدە ئۆزى ۋە پولات قادىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەخپىي كۆرۈشكەنلىكىنى يازىدۇ.

ئەمما مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1957-يىلى ھەجدىن قايتىپ كېلىپ غۇلجادا ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا دوكلات بەرگەنلىكى، دوكلاتىدا مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە ئۇنىمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت