ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (22)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2020-05-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىگىرمە ئىككىنچى قىسىم: ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى غۇلجاغا ئېلىپ بېرىلغاندا

1958-يىلى ۋاقىت 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئالماشقان كېچىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ مېھمانخانىسىنىڭ 214-نومۇرلۇق ياتىقىدا سىرلىق بىر سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندە، بۇ قورقۇنچلۇق خەۋەر پۈتكۈل ئۈرۈمچىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ.

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئىنىسى مەرۇپ ئەيسانىڭ «ئەسلىمە» سىدە بايان قىلىشىچە، «شۇ كۈنى ياتاقلارنى ۋە يىغىن زالىنى سۈرلۈك جىمجىتلىق باسىدۇ. ۋاڭ ئېنماۋ بىلەن سەيپىدىن ئەزىزى يېرىم كۈن ‹كۈرەش› نى توختىتىپ قويۇپ، پەردە ئارقىسىدا بەزى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. تەييارلىق ئىشلىرى پۇختا ئىشلەنگەندىن كېيىن شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىن زالىغا چاقىرتىلىپ تۆۋەندىكىلەر رەسمىي جاكارلىنىدۇ: (1) ئەشەددىي ئوڭچى ۋە يەرلىك مىللەتچى ئابدۇرەھىم ئەيسا پارتىيە ئالدىدىكى ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىشتىن قورقۇپ، ئۆتكەن كېچە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ (2) ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆتكەن يىلى جۇڭگو ھەج ئۆمىكىگە مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندا چەتئەلدە يۈرگەن ئەشەددىي مىللەتچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەن ھەم ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن. بۇ مەسىلە پاش بولغاندىن كېيىن ئۇ قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان؛ (3) ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئالدىدا ئىككى پارچە خەت يېزىپ قالدۇرغان. خەتنىڭ بىرى غۇلجادىكى ئايالى مۇنجىيەگە، يەنە بىرى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفقا يېزىلغان. ئىمىنوفقا يېزىلغان خەتتە ئۆزى پارتىيەگە كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەگە كىرمىگەنلىكىنى، زور خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پارتىيەگە يۈز كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلغان.»

چوڭ يىغىندا بۇ ئىككى پارچە خەت كۆپچىلىككە ئوقۇپ بېرىلگەن.

ۋەقە يۈز بېرىپ، شۇ كۈنى، يەنى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى جاڭ شىگۇڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئالدىنئالا غۇلجاغا ئەۋەتىلىدۇ. جاڭ شىگۇڭ ئىلىدىكى كادىرلار بىلەن ھەر ساھە ۋەكىللىرىگە يىغىن ئېچىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە غۇلجادا بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.

3 كۈندىن كېيىن، يەنى 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى مەخسۇس ئايروپىلانغا سېلىنىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بارات ئىسمائىللارنىڭ نازارىتىدە غۇلجاغا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىلى خەلقى بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆلۈم خەۋىرىدىن ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. غۇلجا شەھىرى ماتەم قايغۇسىغا چۆمىدۇ. خۇددى شۇنىڭدىن 9 يىل ئاۋۋال، يەنى 1949-يىلى كۈزدە ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ سىرلىق «ئايروپىلان ۋەقەسى» دە قازا قىلغانلىق خەۋىرى كېلىپ 6 ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجاغا ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنگىنىدەك، 1957-يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجادىن ساق ھالەتتە ئۈرۈمچىدىكى يىغىنغا چاقىرتىلىپ كېتىلگەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانغا بويالغان جەسىتى 1958-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايروپىلان بىلەن غۇلجاغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا غۇلجادا بىرەر ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى جاڭ شىگوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بارات ئىسمائىل ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھەبىبۇللا مۇتەللىپ، ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى قاتارلىقلار بىلەن جىددىي باش قوشۇپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ جەسىتىنى داغدۇغىسىز ھەم جامائەتنى قاتناشتۇرمايلا تېزدىن يەرلىككە قويۇۋېتىشنى قارار قىلىدۇ.

جاڭ شىگۇڭ ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىغا قاراشلىق ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، غۇلجادىكى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئۆيى جايلاشقان قورۇ ۋە مەھەللىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ كىگىزگە يۆگەلگەن جەسىتىنى قورۇسىدىكى كۆمۈرخانىغا قۇلۇپلاپ، ھېچكىمنىڭ جەسەتنى كۆرۈشىگە يول قويمايدۇ.

ھالبۇكى، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 80 ياشتىن ئاشقان دادىسى ئىبراھىم ئاخۇن ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرىغا ۋارقىراپ، ئوغلى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ كىگىزگە يۆگەلگەن قانلىق جەسىتىنى ئاچقۇزىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ

ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دادىسى ئىبراھىم ئاخۇننىڭ قاتتىق تەلىپى بىلەن ئاخىرى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قانلىق جەسىتى ئېچىلىپ، غۇلجادىكى ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما ساھىب خەلپەت تەرىپىدىن يۇيۇلۇپ كېپەنلىنىدۇ.

مېيىت كۆمۈرخانىدىن ئۆيگە يۆتكەپ كىرىلىپ، يۇيۇش ۋە كېپەنلەش ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مېيىت يۇيغۇچىلار بىلەن ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ قېرىنداشلىرى ئۈستىدە تۇرۇپ جەسەتنى كۆرىدۇ ۋە ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. يەنى ئابۇرەھىم ئەيسانىڭ كاناي قىسمىغا 3 قېتىم پىچاق سۈركەلگەنلىكىنى، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىدا 7 ئورۇندا پىچاق ئۇرۇلغان جاراھەت ئىزىنىڭ بارلىقىنى، تىغ ئۇرۇلغان جايلارغا پاختا تىقىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ.

مەرۇپ ئەيسانىڭ بايان قىلىشىچە، غۇلجادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاق كادىرلار، زىيالىيلار يېرىم كېچىدە يوشۇرۇنچە كېلىپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دادىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كۆڭۈل سورايدۇ.

مەرۇپ ئەيسا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ، بىز قېرىنداشلارنىڭ كۆزلىرىمىزدىن ياش قۇرۇمىدى. كۆز ياشلىرىمىز بىلەن مۇردىنى يۇيۇپ، تازىلاپ كېپەنلىدۇق. ئاندىن نامىزىنى چۈشۈرۈپ، ھەرەمباغنىڭ قېشىدىكى ئالتۇنلۇق قەبرىستانلىققا ئېلىپ چىقتۇق. مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش شۇنچىلىك چەكلەندىكى، كىشىلەر ئائىلىمىزگە كېلىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. مۇنجىيە ھەدىنىڭ كىچىك دادىسى سىدىق ئابلايارى مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشتىن رۇخسەت سورىدى، سىياسىي كېڭەش ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىدىن رۇخسەت ئېلىپ بەرگەندىن كېيىنلا ئاندىن قاتنىشالىدى… مەرھۇمنىڭ نەزىر-چىرىغىمۇ پەقەتلا ئۇرۇق-تۇغقان، قەۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھېچبىر داغدۇغىسىز، جىمجىتلىق ئىچىدە تامام بولدى.»

ئىلى ئوبلاستلىق دائىرىلەر ۋە ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ئائىلىسىگە قانچىلىك ھەيۋە كۆرسەتمىسۇن، غۇلجا خەلقىدە كۆتۈرۈلگەن نارازىلىق كەيپىياتى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ئاخىرىدا ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مىيىتىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم ئۇزىتىش قائىدىسى بويىچە يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا رۇخسەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ دەپنە مۇراسىمىغا جامائەتنى قاتناشتۇرماسلىق، پەقەتلا بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى بىلەنلا مىيىتنى يەرلىككە قويۇشنى شەرت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غۇلجا خەلقى كوچا-كوچىلاردىن چىقىپ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى ئالاھىدە خادىم بلوكىننىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، غۇلجادا ئابدۇرەھىم ئەيسانىنىڭ مىيىتىنى دەپنە قىلىدىغان كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ شىگۇڭ ئىلىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىنى يىغىپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە داۋراڭ سالماسلىق، پىكىر بايان قىلماسلىق ۋە جەمئىيەتتە تارقالغان سۆز-چۆچەكلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، بولۇپمۇ غۇلجادا بىرەر ۋەقە چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىدۇ. ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ مىيىتى ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە بىر قىسىم جامائەتنىنمگ قاتنىشىشى بىلەن جىمجىت ۋە داغدۇغىسىز ھالدا يەرلىككە قويۇلىدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت