ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىرلىق ئۆلۈمى (5)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
غۇلجادىكى يېڭىچە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار. 1930-يىللارنىڭ ئاخىرى.
غۇلجادىكى يېڭىچە مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار. 1930-يىللارنىڭ ئاخىرى.
RFA/Qutlan

بەشىنچى قىسىم: شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە

ئابدۇرەھىم ئەيسا ھاياتىنىڭ نەۋقىران ياشلىق يىللىرىنى 1930-يىللاردىكى ئىلى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى بىلەن جاغىستايدا ئاچقان 6 سىنىپلىق مەكتىپى ئۆز دەۋرىدە زور ئۈنۈم ياراتقاندىن كېيىن، غۇلجا ئاقساقاللىرى ئابدۇرەھىم ئەيسانى غۇلجا شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ «ئۈمىد» مەكتىپىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ ھازىر تاشكەنتتە ياشاۋاتقان ئەڭ كىچىك ئۇكىسى مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا 1958-يىلى «ئەشەددىي يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق بىلەن سىرلىق بىر رەۋىشتە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ پۈتكۈل مەتبۇئات ۋە تاراتقۇلاردا چەكلەنگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەتتا 1980-يىللاردىمۇ ئاكىسىنىڭ نامنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ھالبۇكى، مەرۇپ ئەيسا زىيارىتىمىز داۋامىدا كېيىنكى يىللاردا ئىلى ئۇيغۇر مائارىپىنى تەتقىق قىلغان بىر قىسىم كونا زىيالىيلارنىڭ ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1930-يىللاردىكى ئىلى ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە تېگىشلىك باھا بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا غۇلجىدىكى ئاتاقلىق مائارىپچى مەرۇپ سەئىدىدىن كېيىن «ئۈمىد» مەكتىپىنى قايتىدىن جانلاندۇرغان ۋە دەرسلىك پروگراممىلىرىنى يېڭىلىغان كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

1941-يىلىغا كەلگەندە ئىلى مائارىپىدا زور ئۈنۈم ياراتقان ئابدۇرەھىم ئەيسا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلىدۇ. يەنى مىلىتارىست شېڭ شىسەي ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالماي ئۇنى كۆز ئالدىدا نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكەپ كېلىدۇ. بۇ مەزگىللەردە ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرمۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ خانىمى خەلچەم تىلەشېۋامۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىدى.

مەرۇپ ئەيسانىڭ تەكىتلىشىچە، ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە ئىشلەۋاتقان لۇتپۇللا مۇتەللىپلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە يېڭى يۈكسىلىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ.

مەرۇپ ئەيسا ئۆزىنىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۆلۈمىنىڭ سىرى» ناملىق ئەسلىمىسىدە ئاكىسى ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ بارغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سانايى نەپىسە ئۆزىنىڭ ئاقارتىش ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان يىللار ئىدى. ئاكام شۇ مەزگىللەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ياش قەلەمكەشلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىن باشقا يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ شۇ مەزگىللەردە يازغان ‹تولۇن› ناملىق ھېكايىسى بالىلار ھاياتىغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئەدەبىياتشۇناسلار كېيىنچە بۇ ھېكايىنى ‹ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا بالىلار ھېكايىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى پەردىسىنى ئاچقان ئەسەرلەرنىڭ بىرى، › دەپ باھا بەرگەن.»

مەرۇپ ئەيسا «ئەسلىمە» سىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئاكام ئابدۇرەھىم ئەيسا 1942-يىلى باشقا كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىر قاتاردا شېڭ شىسەينىڭ مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. ئاكامنىڭ شۇ يىللاردا يازغان ‹تۈرمىدىن ئوغلۇمغا خەت› ناملىق تۈرمە خاتىرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، چېقىمچىلار شېڭ شىسەينىڭ قول ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ساقچى باشلىقى ليۇ بىندىغا دوكلات يوللاپ، ئابدۇرەھىم ئەيسانىڭ گېزىتتە ئېلان قىلغان ‹قارلىغاچ بىلەن كەپتەر› ناملىق مەسىلىدە ‹ئېغىر سىياسىي كىنايە بار› دېگەن ئىكەن. يەنى ئۇلار: ‹ئابدۇرەھىم ئەيسا بۇ ئەسىرىدە ئۇچار قۇشلارنىڭ ھېكايىسىنى تەسۋىرلىگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شېڭ دۇبەننىڭ ھاكىمىيىتىگە دارىتمىلىغان، › دەپ چاققان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئاكام ‹خەتەرلىك ئۇنسۇر› دەپ قارىلىپ، قولغا ئېلىنغان ئىكەن.»

ئابدۇرەھىم ئەيسا شۇ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تاكى شېڭ شىسەي 1944-يىلى 9-ئايدا ئۇيغۇر دىياردىن كەتكۈچە بولغان جەرياندا تۈرمىدە ياتىدۇ. شېڭ شىسەي چوڭچىڭغا كەتكەندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋۇ جوڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەپ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ. ۋۇ جوڭشىن ئۆلكە رەئىسى بولغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ھايات قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەت مەھبۇسلىرىنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، ۋەزىيەتنى يۇمشاتماقچى ۋە ئىلىدا قوزغالغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ يالقۇنىنى سۈلھى يولى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. ئەنە شۇنداق داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتتە ئابدۇرەھىم ئەيسا بىر قىسىم سەپداشلىرى بىلەن بىللە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ غۇلجىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت