ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (7)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. 2013-يىلى، گېرمانىيە.
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. 2013-يىلى، گېرمانىيە.
RFA/Qutlan

مەن ئاخىرى ئاۋسترالىيەدىكى ۋىيېتناملىق تونۇشۇمنىڭ خۇجىمىن شەھىرىدىكى دوستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بالىلارنى كامبودژاغا يولغا سېلىش قارارىغا كەلدىم.

ھەممە ئىشنى ئۇلار بىلەن دېيىشىپ، بىر بالىنى ۋىيېتنام چېگراسىدىن ساق-سالامەت كامبودژاغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە 1500 دوللار بېرىشكە پۈتۈشتۈم. قاراڭغۇ چۈشكەندە يولغا چىقتۇق. يول بويى يامغۇر ياغدى. 4-5 سائەت يول مېڭىپ ئاخىرى مىڭ بىر تەستە چېگراغا كەلدۇق. ئەپسۇس، بۇ يەردە يول باشلاشقا دېيىشكەن يەرلىك ۋىيېتناملىق بىلەن تېپىشالمىدۇق. يامغۇر پەقەتلا توختىمىدى. ئامالسىز كەينىمىزگە قايتىپ تاڭ ئاتارغا يېقىن خۇجىمىن شەھىرىگە قايتىپ كەلدۇق.

مەن بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ يەنە مېھمانخانىنى يۆتكىۋەتتىم ھەمدە 3 بالىغا باشقا رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيدۈردۈم. ئۆزۈممۇ كىيىمىمنى يۆتكىۋالدىم. ئەتىسى ۋىيېتناملىق كىشى باشقا بىر پىلان تۈزدى. ئۇ سەي-كۆكتات توشۇيدىغان بىر ساندۇق ماشىنا تېپىپ كەلدى. ئىچىگە بىزنىڭ 3 ئۇيغۇر بالا بىلەن مۇسابىقە موتسىكلىتى ھەيدەيدىغان 3 ۋىيېتناملىقنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاندىن ماشىنىنىڭ كوزۇپىنى قۇلۇپلاپ، چېگراغا قاراپ يولغا چىقتۇق. مەن ھېلىقى ۋىيېتناملىق بىلەن تاكسىدا ماڭدىم.

چېگراغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ كوزۇپىنى ئېچىپ، 3 موتسىكلىتلىق ۋىيېتناملىقنىڭ كەينىگە 3 ئۇيغۇر بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ، بېشىغا نىقاب كىيدۈردۇق. مەن ھېلىقى 3 ۋىيېتناملىقنىڭ ھەر بىرىگە 2 مىڭ دوللاردىن نەق پۇل بەردىم. قالغان پۇللارنى 3 ئۇيغۇر بالىغا بۆلۈپ بەردىم. ئۇلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى غۇيۇلدىغىنىچە يولغا چىقىپ، چېگرادىن بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئاتلاندى. قويۇق ئورمانلىق ئىچىدە موتسىكلىتنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. مەن ھېلىقى ۋىيېتناملىق كىشى بىلەن يېرىم سائەت ساقلاپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇلاردىن تېلېفون كەلدى. ئۇلار چېگرادىن ساق-سالامەت ئۆتۈپتۇ.

شۇنداق قىلىپ شۇ كېچىسى مەن يەنە خۇجىمىن شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم. ئىككى كېچە ئۇيقۇسىز، قاتتىق چارچاپ كەتكەن بولساممۇ، دەم ئالماستىن ئۇدۇل خۇجىمىن شەھىرىدىكى قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا باردىم. ئۆزۈمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىمنى، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 3 ئۇيغۇر بالىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما ئۇلار قوپاللىق بىلەن: «بۇ يەردە ئۇنداق ئادەملەر يوق، خاتا ئۇچۇر ئەپسىلەر، چىقىپ كېتىڭ!» دەپ مەجبۇرىي سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى. ئەسلىدە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن ئىكەن!

كونسۇلخانا مېنى ماشىنىسى بىلەن خۇجىمىن ئايرودرومىغا ئېلىپ چىقىپ، شۇ كۈنىلا ئاۋسترالىيەگە يولغا سېلىۋەتتى.

مەن ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كامبودژادىكى بالىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. پېنومپېندىكى ب د ت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئايال ماڭا بۇ يەردە پاناھلىق ئىلتىجاسى قىلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ماتېرىيالىنى ئەۋەتىپ بەردى. كامبودژاغا دەسلەپتە 3 بالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىز يەنە ھېلىقى ۋىيېتناملىق كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قاچاق يوللار بىلەن پۇل بېرىپ، قالغان ئون نەچچە ئۇيغۇرنى كامبودژاغا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ چىققان ئىدۇق.

مەن مۇشۇ ماتېرىيالنى كۆتۈرۈپ ئاۋسترالىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇلار بىر ئايدىن، بىر يېرىم ئايغىچە دەسلەپتە 7 ئۇيغۇر مۇساپىرنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. قالغانلىرىنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېرراغا بېرىپ، بۇ يەردىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى، ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى، تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ ئەلچىخانىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشتۈم.

بىردەمدىلا 12-ئاي كىردى. بىز كامبودژادىكى بالىلار تاكى ئۈچىنچى بىر دېموكراتىك دۆلەتكە بېرىۋالغۇچە ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى مەتبۇئاتتىن يوشۇرۇن تۇتۇشنى قارار قىلدۇق.

12-ئاينىڭ 19-كۈنى شۇ ۋاقىتتىكى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژاغا كەلدى. ئاڭلىساق كامبودژا بىلەن بىر مىليارد 200 مىليون دوللارلىق سودا توختامى تۈزۈپتۇ. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانى كامبودژاغا كېلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا بۇ 22 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ كەتتى.

مەن شۇ ۋاقىتتا كامبودژاغا ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم بېرىش قارارىغا كەلدىم. ئويلىمىغان يەردىن ئەتە يولغا چىقىمەن دەپ تەييارلىنىپ تۇرغاندا خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانى كامبودژادىكى بالىلارنى قايتۇرۇپ كەتتى. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئەپسۇسلۇق بولۇپ قالدى. بىز ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدۇق…

--------------
ئاڭلارمەن دوستلار، مەرھۇم ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ئۆز ھاياتىدىن بەرگەن بايانلىرى بۇ يەردە ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىغا يانداشقان كۆپلىگەن ھېكايىلەر تېخى تۈگىمىدى.

مەرھۇم گېرمانىيەدە داۋالىنىۋاتقان كۈنلىرىدە، يەنى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمە سەۋەبتىن ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

ئۇ ۋەتەن ۋە ئۇنىڭ ئۇقۇمى، ئانا تۇپراقتا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ۋەتەندىن ئىبارەت بۈيۈك ئانا ئالدىدىكى مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بىر ئىنسان ئىدى.

ھۈسەن ئەپەندى بىرقانچە ئەۋلاد ئىلگىرى غۇلجىغا يەرلەشكەن بىر ئوقۇمۇشلۇق ئۆزبېك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھاياتى بويى تار دائىرىدىكى مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ چىققان، ئۆزىنى ئۆزى مەنسۇپ بولغان ئاشۇ ئەزىم تۇپراق ۋە بۇ تېررىتورىيەدىكى ئاساسلىق يەرلىك ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلىدىغان كىشى ئىدى.

شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدە ئۇيغۇرنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلگەن ئىدى!...

مەرھۇم 2008-يىلى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئەمما بۇ قورقۇنچلۇق كېسەللىك ئۇنى يىقىتالمايدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن تاكى بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە بولغان 6 يىل جەريانىدا ھاياتقا ئۈمىد، سۆيگۈ ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن قاراپ، ھەر بىر كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

ئۇ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان كۈنلىرىدە قىيا ئېچىلغان دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر تال يوپۇرماقتىنمۇ ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار!

شۇنىڭ بىلەن مەرھۇم ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى يورۇتۇلغان «ۋەتىنىگە قايتقان روھ» ناملىق مەخسۇس پروگراممىمىز بۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

(تۈگىدى)

تولۇق بەت