كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن (61-يىل ئاۋغۇست ۋە نويابىر)

2011-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
61-يىل ئاۋغۇست

كانىكولدىن قايتىپ  مەكتەپكە كەلسەم، ئالدىمغا بىر توپ ساۋاقدىشىم يۈگۈرۈپ چىقىپ:

__خۇش خەۋەر، خۇش خەۋەر، ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان بولدۇق. ياتاق، سىنىپ، تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئايرىۋەتتى، دېيىشىپ خۇشاللىقىمىزدىن قۇچاقلىشىپ، شادلىق كۆز ياشلىرىمىز بىلەن بىر-بىرىمىزنى تەبرىكلەشتۇق….

ئىزدىنىش

61-يىل نويابىر

مەلىكە ئىككىمىز دەرستىن چۈشۈپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىچىنى ئايلىنىپ كېلىۋاتاتتۇق، بىزنىڭ كەينىمىزدىن ئابلىكىم بىلەن ئابلىزمۇ يېتىپ كەلدى.

__ قىزلار نەگە ماڭدىڭلار؟-دەپ سورىدى ئۇلار ۋە بىزنىڭ جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتمەستىنلا:

__ بىرەر يېڭىلىقلار بارمۇ؟ يولداشلاردىن خەۋەر ئالالىدىڭلارمۇ؟ بىرەر ئىز-ئورۇننى تاپتىڭلارمۇ؟-دەپ جىددىي قىياپەتتە سورىدى ۋە ئىككىمىزگە تەڭ قارىدى….
تولۇق بەت