تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 17

2013-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رەسىم-1: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش (2006-يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى)
رەسىم-1: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ دەپنە مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش (2006-يىل ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى)
RFA/Qutlan

كۈرەش كۆسەننىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئېغىر قايغۇ ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ كۈرەش كۆسەننىڭ دوستلىرى ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلىپ مۇنەۋۋەر خانىمنى شىۋېتسىيەگە يولغا سېلىشقا تىرىشىدۇ.

قولىدا شىۋېتسىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئولتۇرۇمى بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىتلىق پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يولغا چىقىش قىيىنلىشىدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مۇنەۋۋەر خانىم ئاخىرى پاسپورتسىز ھالدا ئامېرىكىدىن شىۋېتسىيەگە ئۇچقان ئايروپىلانغا چىقىدۇ.

 مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ قەبرىسى
مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ قەبرىسى Photo: RFA

مۇنەۋۋەر خانىم مەرھۇم كۈرەش كۆسەن دەپنە قىلىنىپ ئۈچىنچى كۈنى شىۋېتسىيەگە يېتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەمدىلىكتە مەرھۇم ئاكىسىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چېھرى ئەمەس، بەلكى جۇدالىق ئازابىدا يۈرىكى پارە - پارە بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى پەيدا بولىدۇ. كۈرەش كۆسەننىڭ جىسمى يات تۇپراققا كۆمۈلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىگە يىراقتىكى ۋەتىنىنىڭ سۆيگۈسى كۆمۈلىدۇ…

كۈرەش كۆسەن ئالەمدىن ئۆتۈپ 7 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇنەۋۋەر خانىم مەرھۇم ئاكىسىنىڭ ھاياتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ باردى. ئۇ ئەسلىمىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئاكىسىنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.

پروگراممىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز، 17 - قىسىمغا دىققەت بەرگەيسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت