تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر - 4

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
يات تۇپراقتا ۋەتەن ئىشقى بىلەن ئۇد چېلىۋاتقان كۈرەش كۆسەن (2002-يىلى شىۋېتسىيە)
يات تۇپراقتا ۋەتەن ئىشقى بىلەن ئۇد چېلىۋاتقان كۈرەش كۆسەن (2002-يىلى شىۋېتسىيە)
RFA/Qutlan

1988 - يىلى كۈرەش كۆسەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىشتىن سىرتقى سەنئەتكارلارنىڭ تېلېۋىزىيىدە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلىدۇ.

شۇ يىللاردا ئۇ يەنە كومپوزىتور ئىمىنجان يۈسۈپ ۋە نۇرمامۇتلار ئىجات قىلغان ناخشىلاردىن «شاماللار»، «ئون سەككىز ياشىم» قاتارلىقلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىلەن ئورۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بولۇپمۇ «ئون سەككىز ياشىم» ناملىق ناخشا كۈرەش كۆسەننىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى ۋە يۇقىرى سەۋىيىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، كۈرەش كۆسەن 1986 - يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر بالىلار ناخشىلىرىدىكى چوڭ بىر بوشلۇقنى ھېس قىلىپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە بېغىشلاپ كۆپلىگەن نادىر ناخشىلارنى ئىجات قىلىدۇ ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلايدۇ. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە «بىزدە شۇنداق ئادەت بار»، «دېمىدىممۇ» دېگەن بالىلار ناخشىلىرى زور تەسىر قوزغايدۇ.

مۇنەۋۋەر خانىم ئاكىسى كۈرەش كۆسەننىڭ ئەينى يىللاردىكى شەخسىي ھاياتى ھەققىدە ئەسلەپ، ئۇنىڭ مىڭلىغان نورمال ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ يىللاردا مۇھەببەتلىك ھاياتى بولغانلىقىنى، ئەمما رېئاللىق ۋە تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن بۇ كەچۈرمىشلىرىنىڭ مەرھۇمنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1990 - يىللارنىڭ باشلىرى كۈرەش كۆسەننىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىدە پارتلاش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر كۆرۈلگەن يىللار بولۇپ قالىدۇ. بۇ يىللاردا ئۇ «شۇنداق بىر جايدا ياشىسام دەيمەن»، «يايرىمنىڭ تويى»، «دوپپا»، «كىرىپ كەتتىڭ ھويلاڭغا»، «بىلەلمىدىم ھېچ» قاتارلىق بىر قاتار ناخشىلارنى ئىجات قىلىدۇ ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ زىلزىلە قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر ناخشىسىنىڭ مۇزىكا ۋە تېكىستى ناھايىتى چوڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئال ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ چەكسىز ھاياتىي كۈچى ھەم ئەۋجىدە ئىپادىلەيدۇ.

كۈرەش كۆسەن تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ئىلى دەرياسى بويىدا (1995-يىل غۇلجا)
كۈرەش كۆسەن تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ئىلى دەرياسى بويىدا (1995-يىل غۇلجا) Photo: RFA

شۇ يىللاردا يەنە كۈرەش كۆسەن تۇنجى بولۇپ شەخسىي ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەشكىللەپ ئۇيغۇرلار يۇرتىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا كەڭ خەلق ئاممىسىغا سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خەلق ئىچىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەڭ چەت - ياقا يۇرتلاردا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ دەرد - ئەلىمىنى، خۇشاللىقى ۋە يىغىنىسى كۆرىدۇ. خەلقنىڭ ئىسسىق قوينى ئۇنىڭغا مېھىر - مۇھەببەت ۋە ئادىمىيلىك روھ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتمەس - تۈگىمەس ئىجادىيەت ئىلھامىمۇ بەخش ئېتىدۇ.

كۆرەش كۆسەن سەنئەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەمگىكى سۈپىتىدە بىر سىمفونىيە يېزىپ چىقىدۇ. مەزكۇر سىمفونىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ زالىدا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. ئەينى چاغدا بۇ سەنئەت پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر، بولۇپمۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدا تەكلىپ بىلەن دەرس بېرىۋاتقان ئەنگلىيەلىك سەنئەت مۇتەخەسسىسى مەزكۇر سىمفونىيەگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ.

مۇنەۋۋەر خانىم ئاكىسى كۈرەش سۇلتاننىڭ «كۆسەن» دېگەن تەخەللۇسنى قوللىنىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: «ئاكام گەرچە قەدىمكى كۆسەن دىيارىنىڭ مەركىزى بولغان كۇچادا تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىغۇبار بالىلىقى ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى كۇچادا ئۆتتى. ئاكامدىكى سەنئەتكە، مۇزىكىغا بولغان مۇھەببەت كۇچادا ئويغاندى. ئاكام ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ شېرىن سۈتىنى ۋە شىرنىلىرىنى بالىلىق دەۋردىن باشلاپلا كۇچادا تېتىدى. شۇڭلاشقا قەدىمكى سەنئىتى بىلەن مەشھۇر بولغان كۆسەن دىيارىنىڭ نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىۋالدى…»

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت