مەھبۇسلۇق مەشىقى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۇستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمنامە. 2014-يىل 11-ئاۋغۇست
ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ئۇستىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمنامە. 2014-يىل 11-ئاۋغۇست
Photo: RFA

كامېردا ياتقان ۋاقتىم ئۇزىرىپ كونا مەھبۇسقا ئايلانغاندىن كېيىن كۈندە تاياق يېيىشتىن قۇتۇلدۇم، ئەمما يۈرەكنى غاجايدىغان-ئامالسىزلىقتىن - تاياق يېگەنگە تاماشىبىن بولۇشتىن قۇتۇلالمىدىم. ھەر كۈنى يېڭى مەھبۇس كىرىپ تۇراتتى ۋە مەھبۇسلۇق مەشىقىگە سېلىنىپ خورلىناتتى. مەھبۇسلۇق مەشىقى دېگىنى قاماقخانىدا دېيىشكە تېگىشلىك سۆز، تۇرۇشقا تېگىشلىك قىياپەت ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ھەرىكەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىدى. يېڭى مەھبۇسلارنى كامېر باشلىقىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇزاقراق ياتقان بىر قولچوماق مەشىقلەندۈرەتتى. بۇ قولچوماقلار ئۇيغۇر ياكى خىتاي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇيرۇق خىتايچە بېرىلەتتى. خىتايچىنى پەقەت بىلمەيدىغان، ئانچە مۇنچە سۆزلەشنى بىلسىمۇ ئوقۇپ يېزىشنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ھەر دائىم خورلىناتتى، بوزەك ۋە ئەخمەق قىلىناتتى.

مەھبۇسلۇق مەشىقىدە گۇندىپاي كامېر ئالدىغا كەلگەن، سوراققا ئېلىپ چىققان، كامېرغا كىرىپ تەكشۈرگەن، سوراقخانىغا ئېلىپ ماڭغان، سوراقتىن قايتقان، قاماقخانا باشلىقى تەكشۈرگەن، دوختۇر كەلگەن، مانېۋىر قىلىنغان، ئەسكەر ئۈستۈنكى كارىدوردىن قوراللىق نازارەت قىلغان، يۇقىرىدىن رەھبەر كەلگەن...دېگەندەك ئەھۋاللاردا قانداق قىياپەتتە تۇرۇش ۋە قانداق سۆز-ھەرىكەتتە بولۇش ئۆگىتىلەتتى. قاماقتا بارلىق سوئال ۋە جاۋابلار خىتايچە قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ مەھبۇسلار يادلىشى كېرەك ئىدى. مەشىق جەريانىدا مەھبۇس ئازراقلا بىخەستەلىك بىلەن بىرەر سۆزنى ئۆزگەرتىۋەتسە تاياق يەيتتى.

مەھبۇسلۇق مەشىقىدە ئۆگىتىلگەن بويىچە گۇندىپاي سوراققا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئىسىم چاقىرغاندا مەھبۇس ئىشىك ئالدىغا كېلىپ، خىتايچە «دوكلات» دېگىنىچە سېرىق سىزىقنىڭ سىرتىدا بېشىنى چاڭگاللاپ تىك تۇرۇشى كېرەك ئىدى. سېرىق سىزىق كامىرىنىڭ ئىچىدىن ئىشىككە يېرىم مېتىر ئارىلىق قويۇپ سىزىلغان بولۇپ مەھبۇسلار ئادەتتە بۇ سىزىقتىن ئۆتمەسلىكى، ئىشىكتىكى بارماق پاتمىغۇدەك ئاراچلاردىن كارىدورغا قارىماسلىقى كېرەك ئىدى. مەقسەت مەھبۇسلارغا ھەتتا كارىدوردا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسەتمەسلىك بولسا كېرەك. بۇنداق سېرىق سىزىق، قىزىل سىزىق ۋە قائىدىلەر مەن يېتىپ باققان قەشقەردىكى قاماقخانىلاردىن تارتىپ ئۈرۈمچىدىكى قاماقخانىلارغىچە ئوخشاش ئىدى. ئەمما مەھبۇسلۇق مەشىقىنىڭ كۆڭۈلنى ئاينىتىدىغان يىرىڭدەك مەزمۇنى قاماقخانا ۋە قاماقخانا ئىچىدىكى كورپۇسلارغا قاراپ ئوخشىمايتتى.

مەھبۇسلۇق مەشىقىنى ئەڭ قاتتىق ۋە رەھىمسىز يۈرگۈزىدىغىنى مەشىقلەندۈرۈش كامېرى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە كامېر ئىدى. ئادەتتە قاماقخانىلاردا يەتتە كامېر بىر بىرلىك قىلىنىپ باشقۇرۇلاتتى. ھەر يەتتە كامېرنىڭ بىرى «كۆندۈرۈش كامېرى» ياكى «مەشىقلەندۈرۈش كامېرى» دەپ ئاتىلاتتى. يېڭى قامالغانلار ئالدى بىلەن مۇشۇ كامېرغا سولىنىپ بىرەر ھەپتە ياكى بىر قانچە ھەپتە تاياق يەپ مەھبۇسلۇق مەشىقىنى باشتىن كەچۈرەتتى. مەشىقتە قائىدىلەرنى پۈتۈنلەي ئۆگىنىپ، قاماقخانا بەلگىلىمىسىنى تولۇق يادلاپ بولغاندىن كېيىن باشقا كامېرغا يۆتكىلەتتى. خىتايچە بىلمەيدىغان بىچارە بالىلارنىڭ بەزىلىرى ئىككى ئۈچ ۋاراق، يەنە بەزىلىرى بەش ئالتە ۋاراق خىتايچە قائىدىنى تىل-ھاقارەت ۋە تاياق توقماقلار ئىچىدە يادلاشقا مەجبۇر. يادلىيالمىسا، ئۇرۇپ ھاقارەت قىلغاندىن باشقا؛ تاماق بەرمەسلىك، تەرەت قىلدۇرماسلىق، كېچىدە نۆۋەتچىلىككە سېلىپ ئۇخلاتماسلىق، خالا يۇغۇزۇش، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈش ۋە تەرەت سۈرتكۈزۈش...قاتارلىق چارە كۆرۈلەتتى.

مەشىق كامېرلىرىغا باشلىق بولغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تەكرار جىنايەتچى، ۋەھشىي قاتىل ياكى مۇددەتسىز كېسىلىدىغان جىنايەتچىلەر بولاتتى. بۇنداقلارنىڭ دېلوسى سۆرىلىپ كېتىدىغان بولغاچقا قاماقتا ئۇزۇن تۇرۇپ قالاتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ساقچىلار بىلەن ئىچ قويۇن-تاش قويۇن بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ چوڭ ئىدى. ئۇلارنىڭ ھوقۇقى باشقا كامېر باشلىقلىرىدىن كۆپرەك، پائالىيەت دائىرىسى كەڭرەك ۋە كامېرغا كىرىپ چىقىشى ئەركىنرەك بولاتتى. ئادەتتە مەشىق كامېرىنىڭ باشلىقلىرى ساقچى ئىشخانىسىغا كىرىپ تاماكا چېكەتتى. كارىدوردا مېڭىپ يۈرۈپ گۇندىپايلارغا يانتاياق بولاتتى.

مەھبۇسلۇق مەشىقىدە كامېر باشلىقى سوتچىنىڭ رولىنى، چوماقچى بولۇۋالغان كونا مەھبۇس ساقچىنىڭ رولىنى، يېڭى مەھبۇس جىنايەت گۇماندارىنىڭ رولىنى ئالاتتى. ھەتتا بۇنداق مەشىق رەسمىي سوراقنىڭ تۈسىنىمۇ ئالاتتى. چۈنكى قاماقتا ياتقان ھەر قانداق بىر مەھبۇس باشقىلارنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى مەلۇم قىلسا دېلوسى يېنىك بىر تەرەپ قىلىناتتى. كامېردىكى مەھبۇسلۇق مەشىقى ۋە سوراق خىزمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت ئىدى. قولچوماق، گۇندىپاي ۋە كامېر باشلىقى بۇ خىزمەت كۆرسىتىش مەسىلىسىدە ھەمتاۋاق ئىدى. يېڭى مەھبۇسقا كامېردىكى ھەر مىنۇت، تاياق، دەشنەم ۋە ھاقارەتلەر ئېغىر كېلىپ رەسمىي سوراقتا دېمىگەننى كامېردا تولۇقى بىلەن دېيىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى سوراقتا ساقچىنىڭ زۇلۇمى ھەر قانچە ئۇزۇن داۋام قىلسا كۈندە يەتتە سەككىز سائەتتىن بىرەر ھەپتە داۋام قىلاتتى. ئەمما كامېردىكى تاياق ھەر مىنۇت، ھەر سائەت، ھەتتا كېچەيۇ-كۈندۈز داۋام قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا قامىلىپ كۆنگەن كامېر باشلىقى ۋە قولچوماقلارنىڭ قىيناش ئۇسۇللىرى سوراقچىدىن ۋەھشىي، ئىزچىل ۋە شەرمەندە ئىدى.

بىر كۈنى ساقچى سىياسىي مەھبۇستىن بىرنى قاماپ قويۇپ كەتتى. ئۆزىنى ئاقسۇ ئاۋاتتىن دېگەن بۇ بالا ئۈرۈمچىدە بىر مەخپىي مەدرىسىدىن تۇتۇلۇپتۇ. بىچارە بالا خىتايچە ئەمەس ئۇيغۇرچە ئوقۇپ يېزىشنىمۇ بىلمىگەچكە بەك قىينالدى. ئەگەر ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى بىلگەن بولسا مەشىق جەريانىدا يادلايدىغان خىتايچە مەزمۇنلارنى يېزىپ بەرگەن بولاتتىم. خىتايچە گەپنى ئۇيغۇرچە يازسا تەلەپپۇزى غەلىتە چىقسىمۇ، يادلاپلا بولسا، تايىقى يېنىكلەيتتى. ئەمما بىچارە ئۇيغۇرچە يېزىپ بەرگەن خىتايچە قائىدىنى ئوقۇيالمىغاچ، يادلاپ بولالمىدى.

كامېر باشلىقى ئۇنىڭغا ئەتىگەندىن كەچكىچە يەيدىغان ھېچ نەرسە بەرگۈزمىدى. سىياسىي مەھبۇسلارغا ئادەتتە كۈندە بىرەر قېتىم تەرەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىناتتى. تالىپ بالا تەرىتى قىستاپ بىئارام بولماسلىق ئۈچۈن ئۆزىمۇ تاماق تەلەپ قىلمىدى. ئاچلىقتىن بولسا كېرەك، تالىپ بالا كەچلىك نۆۋەتچىلىكتە بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشتى. پېشانىسىنى تۇتسام ئوت كاۋاپ بولۇپ قىزىپ كېتىپتۇ. ھېچ بولمىسا سۇ بېرىشىنى دېدىم. بىرى سۇ ئالىدىغانغا مېڭىۋېدى. كامېر باشلىقى ئۆزىنىڭ تاماكا چەككەندە ئىشلىتىدىغان تۈكۈرۈك قاچىسىنى تەڭلىدى. تۈكۈرۈك قاچىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن سۇنى تىنماي ئىچىۋاتقان بالىغا قاراپ چىدىيالماي كۆزەينىكىمنى قولۇمغا ئېلىپ سۈرتكەن بولۇپ قوپۇپ كەتتىم، ئەمما قوللىرىم تىترەپ ھېچ قاملاشتۇرالمايتتىم.

-مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىت ئالدىدا نامازدىن قايتقانلار تۈكۈرۈپ قويغان تاماق، مېۋىلەرنى يېگەنلىكىنى كۆرگەن. سورىسام «داۋا بولىدۇ!» دېيىشكەن ئىدى. مېنىڭ تۈكۈرۈكۈم بۇنىڭ قىزىتمىسىغا پايدا قىلىدۇ. بەلكى تېخى قوش ئۈنۈم بېرىپ بۇنىڭغا خەنزۇچە تىلمۇ چىقىپ قالار، دەپ ھىجايدى كامېر باشلىقى.

ئوت-كاۋاپ بولۇپ ياتقان تالىپ ئۆزى ھەققىدە كىمنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى چۈشەنمەيتتى. كۈن بويى ئاغزىغا بىر بۇردا نان، بىر يۇتۇم سۇ ئالمىغان بىچارە قوزىدەك تۈگۈلۈپ يەردىلا ئۇخلاپ قالغان ئىدى.

(ماقالىدىكى كۆزقاراشلار ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)

تولۇق بەت