ئۆمەر باقى ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىشقىدا ئوتتەك يېنىپ، چاڭقاپ كەتكەن قەلبىگە سۇ سېپىپ كېلىۋاتقان قەدىرلىك دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر. ئالدى بىلەن 18 - ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرىدا ياشاپ ئۆتكەن، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا داڭلىق نەۋائىشۇناس ئۆمەر باقى يەركەندىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاندىن رادىئومىزغا بىر ھەۋەسكار شائىرىمىز تەرىپىدىن ئەۋەتىپ بېرىلگەن: «بۇغداي» ناملىق شېئىردىن ھۇزۇرلىنىسىلەر. ئاخىرىدا، «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە، سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىم يازغان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-05-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۆمەر باقى



باتۇر تەييارلىدى

ئۆمەر باقى 18 - 19 - ئەسىرلەر ئارىسىدا ياشىغان مەشھۇرى ئەدىب.

ئۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ «پەرھات - شېرىن»، «لەيلى - مەجنۇن» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشلۇق. بۇ ئىككى پارچە داستاننىڭ ئەسلىي ۋەقەلىكى «خەمسەئى نەۋائىي»دىن ئېلىنغان بولۇپ، 1792 - يىلى يەكەن ھۆكۈمرانى ئىۋەز بەگ نامىغا نەسرىي - نەزمىي ئۇسلۇبىدا ھېكايە شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن.

«پەرھات - شېرىن» داستانىدا چىن خاقانىنىڭ ئوغلى پەرھاتنىڭ ئاجايىپ قەھرىمانلىقلىرى ۋە شېرىن بىلەن بولغان پاجىئەلىك مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنغان. نازۇك ۋە نەپىس سەزگۈگە، ئۆتكۈر ئىجادىي پىكىرگە ئىگە بولغان پەرھات كىچىكىدىن ئەمگەك ۋە بىلىمگە ھەۋەس باغلايدۇ. ئۆز سۆيگۈنى شېرىننى ئىزدەپ ئەرمەنىستانغا بارىدۇ. يولدا كىشىلەرگە چوڭ ئاپەت يەتكۈزگەن دىۋە ۋە ئەجدىرھالارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئەرمەنىستاندا ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئەمگەكچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.

پەرھات بىلەن شېرىن ئوتتۇرىسىدىكى يالقۇنلۇق مۇھەببەت رېئال ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. لېكىن، بۇ مۇھەببەت يەنە ئىككى ياشنىڭ تەقدىرى ۋەتەن - خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. بىراق، ئىران شاھى زالىم خىسراۋ ئەرمىنىستانغا لەشكەر تارتىپ كېلىپ، ھىيلە بىلەن پەرھاتنى ھالاك قىلىدۇ. شېرىننىڭ ئۆلۈمىگىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ.

«لەيلى - مەجنۇن» داستانىدىمۇ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرگەن ئىككى ياشنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى تەسۋىرلىنىدۇ. داستاننىڭ ئاساسىي قەھرىمانى لەيلى بىلەن مەجنۇننىڭ پاجىئەسى ئەڭ ئاددىي ئىنسانىي ھوقۇقنى ئاياغ ئاستى قىلغان، قەلبىدىكى مۇھەببەتنى سۇغۇرۇۋالماقچى بولغان زۇلمەتلىك جەمئىيەتكە قارشى ئىسيانكار شەخسنىڭ پاجىئەسىدىن ئىبارەت.

مەيلى پەرھات بىلەن شېرىن بولسۇن ياكى لەيلى بىلەن مەجنۇن بولسۇن، كۈرەشچان كىشىلەرنىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس ۋە ئالىيجاناب خىسلەتلەرنى ئۆزىدە ئىپادىلەيدۇ. ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش يولىدا ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگە قەدەر دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلار ياشىغان جەمئىيەتتە خىسراۋغا ئوخشاشلار ھاكىم بولغاچقا، ئۇلار داۋاملىق بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. ئۆزلىرىنى ئورىۋالغان مۇھىتقا، زامانغا، ئۇنىڭ تۈزۈمى ۋە رەسىم - ئادەتلىرىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنى قاغاپ پەرياد قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرىدا بۇ پاكىز يۈرەكلەرنىڭ بېشى زاماننىڭ قاتتىق تاشلىرىغا ئۇرۇلۇپ، پاجىئەلىك رەۋىشتە ھالاك بولىدۇ.

ئاپتور «پەرھات - شېرىن» ۋە «لەيلى - مەجنۇن» پاجىئەسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىنىڭ ئوبيېكتىپ مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، جىنايەتكار ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە فېئوداللىق تەرتىپ - قائىدىلەرنى كەسكىن قارىلايدۇ.

ئەسەرلەر نەسرىي - نەزم شەكلىدە يېزىلغان. بۇ كلاسسىك شەرق ئەدەبىياتىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان، بولۇپمۇ خەلق داستانلىرىنىڭ ئاساسىي ئىپادىلەش شەكلى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقى - ئاپتورنىڭ خەلق ئىجادىيەتلىرىنىڭ شەكلى ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىنى خەلققە يېقىن ۋە چۈشىنىشلىك قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىدىن دالالەت بېرىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ شەرق ئەدەبىياتىدا مەشھۇر بولغان «پەرھات - شېرىن»، «لەيلى - مەجنۇن» تېمىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشى بۇنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.

تولۇق بەت