قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (38)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ تارىخىي ماقالىلىرىغا يازغان باھاسى، 1990-يىلى
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ نىزامىدىن ھۆسەيىننىڭ تارىخىي ماقالىلىرىغا يازغان باھاسى، 1990-يىلى
Qutlan

ئوتتۇز سەككىزىنچى قىسىم: «جاھالەت پىرلىرى» غا ئېچىلغان ئوت

1980-يىللار مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتىدىكى پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى قەلەم كۈرىشىگە بېغىشلىغان، ئۇيغۇر تارىخى بويىچە يازغان بىر يۈرۈش يىرىك ئەسەرلىرى بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى ئۆز تارىخى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا سەپەرۋەر قىلغان يىللار بولدى.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بۇ يىللاردا كېچە-كۈندۈز ئۈستەلگە مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، «يولسىز ئەقىدە - سوفىزىم»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى» ناملىق يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قالدۇرغان قىممەتلىك تارىخىي ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختالغىنىدا، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان 1949-يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 10 يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» جەريانىدا بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخ تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دولقۇن ئەيسا يەنە 1980-يىللارغا كەلگەندە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن بۇيانقى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قاراڭغۇ بەتلىرى، ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە كەلتۈرگەن قارا داغلىرى ھەققىدىكى يىرىك ماقالىلىرىنىڭ ياش بىر ئەۋلادنىڭ مىللىي ئويغىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەبىبۇللا خالىق 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قېشىدا بولغان شاگىرتلىرىدىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ 1980-يىللاردا يازغان تارىخىي ئەسەرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «بىزدىكى ئىللەتلەر» قاتارلىق 3 پارچە يىرىك ئەسەرنىڭ شۇ يىللاردا زور تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» ناملىق يىرىك ماقالىسىدە مەقدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا قالدۇرغان ئېغىر جاراھەتلىرىنى بىرمۇ-بىر ئېچىپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى» ناملىق كۆپ قىسىملىق يىرىك ئەسىرىدە بىرىنچى قول تارىخىي مەنبەلەر، بولۇپمۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن ئەدىب ۋە تارىخچىلارنىڭ قوليازما ئەسەرلىرىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يېقىنقى 500 يىللىق قاراڭغۇ بەتلىرىنى ھۆججەتلىك، دەلىل-ئىسپاتلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. 

1980-يىللار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر دەۋر بولدى. بۇ يىللاردا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش ئېلىپ بېرىپ، مىللىي روھنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا نەزەر سالدى. مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئازابلىق ئويلاندى. تارىخ بۇ قېتىملىق مىللىي ئويغىنىشنىڭ ئىلھام پىلتىسى بولدى. بۇ ھەقتە سۆز قىلغان ھەبىبۇللا خالىق دەل مۇشۇ قايناق دەۋردە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ بىر يۈرۈش ۋەزنى ئېغىر تارىخىي ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەپەككۇر دۇنياسىنى غىدىقلىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسا 1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاپاق خوجىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەركى دۇنياچىلىق سەپسەتىلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى تونۇپ يېتىشتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان مۇستەملىكە قىسمىتىگە دۇچار بولۇشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى بىلىشتە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەسەرلىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىزىقارلىقى شۇكى، مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆزىنىڭ تۈرمىدە يازغان ئەسلىمىسىدە 1965-يىلى تۈرمىدىن قېچىپ بېيجىڭغا ئەرز قىلغىلى بارغىنىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بېيجىڭدىكى «شىنجاڭ ئىش بېجىرىش ئورنى» دا ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىنى، شۇنچە چۈشەندۈرۈش ۋە يالۋۇرۇشلارغا قارىماي سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ساقچى چاقىرىپ نىزامىدىن ئەپەندىنى ئايالى ۋە 5 بالىسى بىلەن قوشۇپ لۇگوچياۋ تۈرمىسىگە سولىتىۋەتكەنلىكىنى يازىدۇ. ھالبۇكى، ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە، يەنى 1990-يىلى ھەممە ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلغان سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىڭدا تۇرۇپ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا مەخسۇس مەكتۇپ يازىدۇ ۋە نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش يىرىك ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ. 

سەيپىدىن ئەزىزى مەزكۇر مەكتۇبىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «يولداش نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ژۇرنىلىڭلاردا بېسىلغان›كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئوچېرىكلىرى‹ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. ئوقۇغاندىمۇ ھەم قىزىقىش، ھەم ئېچىنىش، ھەم خۇرسەنلىك ھېسسىياتى ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. يولداش نىزامىدىننىڭ ‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى› ژۇرنىلىنىڭ ‹تارىختىن سۆز› سەھىپىسىدە بېسىلغان ‹يولسىز ئەقىدە›، ‹جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا› دېگەن ماۋزۇلاردىكى ماقالىلىرى ئۈزۈلمەي چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ بەك قىزىقىپ ئوقۇپ كەلدىم. ھەممىسى ياخشى، ژۇرنىلىڭلارغا بېسىلغان ‹قاباھەت ئەقىدە - يەنە بىر قېتىم ئاپاق خوجا توغرىسىدا› دېگەن دېگەن ماقالىسىدە ئاپاق خوجىنى پاش قىلغان. بۇداقى ماقالىدە قۇمۇل، ئىلى رايونىدىكى ‹سەئىد› لەر ئىشان-سوپىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن بالايى-ئاپەتلىرى توغرا مەيداندا تۇرۇپ ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن پاش قىلىنغان. يولداش نىزامىدىننىڭ سوپىزمنىڭ شىنجاڭدىكى زەھەرلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ كۈرىشىنى قوللايمەن ھەمدە سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»

(داۋامى بار)

تولۇق بەت