قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (43)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2019-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم. 1995-يىلى ئۈرۈمچى.
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىم. 1995-يىلى ئۈرۈمچى.
RFA/Qutlan

قىرىق ئۈچىنچى قىسىم: ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ قىزىغا بېرىلگەن جاۋاب

ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللا 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە قەشقەردىكى قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنىڭ ئارىسىغا نىزا-زىددىيەت تېرىپ، بىر قاتار پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغان بىر كىشى ئىدى. شېڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللا بىر دومىلاپلا قەشقەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.

ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى، قەشقەرنىڭ باش قازىسى ۋە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى سالاھىيىتى بىلەن 1935-يىلى شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە چاقىرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك ئاۋام خەلق قۇرۇلتىيىغا قەشقەر ۋەكىلى بولۇپ قاتنىشىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئۇ شېڭ شىسەينىڭ ئاتالمىش «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» ئىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدۇ. قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ئۇ يول بويى شېڭ شىسەينىڭ سىياسەتلىرىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىپ» تىكى بايانلاردىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ، تەشۋىق قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6-دېۋىزىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى 1936-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدە ئادەم ئەۋەتىپ ئۈرۈمچىگە ئىككىنچى قېتىم مېڭىشقا تەييارلانغان ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانى قەشقەر تۈمەن كۆۋرۈكىدە بوغۇزلاپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدۇ.

ئارىدىن 60 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1995-يىلى ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ قەشقەردە مۇئەللىمىچىلىك قىلىدىغان قىزى بىر سومكا پۇل كۆتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ۋە نىزامىدىن ھۈسەيىنلەرنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن دادىسىنى ئاقلاپ كىتاب يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندى بۇ ئايالغا كەسكىنلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ: «ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللادەك مۇناپىقلار ئۈچۈن تارىخنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ كىتاب يېزىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى ئوچۇق ئېيتىدۇ.

1980-يىللاردا يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ تارىخىي رومانلىرىدا، كېيىنچە يازغۇچى ۋە دراماتورگ مەمتېلى زۇنۇن ئۆزىنىڭ «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق تارىخىي پوۋېستلىرىدا ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ 1930-يىللاردىكى رەزىل قىلمىشلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىنى ئېچىپ تاشلىغان ئىدى. شۇ كۈنىدىكى ۋەقەگە شاھىت بولغان ھەبىبۇللا خالىق ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ بىر سومكا پۇل كۆتۈرۈپ كەلگەن بۇ ئايالغا دادىسىنى ئاقلاپ كىتاب يازدۇرىمەن دېمەي ئەڭ ياخشىسى دادىسىنىڭ كىم بولغانلىقىنى قايتا ئۆگىنىپ بېقىشنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تارىخىي رومانلىرى بىلەن يازغۇچى مەمتېلى زۇنۇننىڭ «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق پوۋېست ۋە درامىسىنى ياخشى ئوقۇپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىقنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن شۇ كۈنى بۇ ئايالغا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ، پۇل بىلەن تارىخنىڭ ھەقىقىتى ۋە ھۆكۈمىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللانىڭ ئۆز خەلقىنىڭ خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ۋەتىنىنىڭ شەرىپىگە خىيانەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دىنىي ئىسلامنىڭ روھىغىمۇ خىلاپلىق قىلغان بىر مۇناپىق ئىكەنلىكىنى، بۇنداق كىشىلەرنى ئاقلاپ تارىخ يازىدىغان نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ تۇغۇلمىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى شۇ ئارىلىقتا ئۆز كۇتۇپخانىسىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان 1930-يىللاردىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىرقانچە سانىنى بۇ ئايالنىڭ ئالدىغان تاشلايدۇ-دە، «ئەگەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز، 60 يىلدىن ئاۋۋالقى بۇ گېزىتلەرنى ئوقۇپ ئاشۇ ئېسىل دادىڭىزنىڭ قانداق ئويۇنلارنى ئوينىغانلىقىنى ئۆزىڭىز ئوقۇپ كۆرۈڭ،» دەيدۇ.

بۇ ئايال ئۈمىدىنى ئۈزۈپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىچكەركى ئۆيدە ئولتۇرغان تۇرغۇن ئالماس مېھمانخانا ئۆيگە چىقىدۇ ۋە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە 1930-يىللاردىكى «شىنجاڭ گېزىتى» گە بېسىلغان ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللا ھەققىدىكى مەخسۇس ساننى شۇنداقلا شېڭ شىسەينىڭ شاپتول داموللاغا بەرگەن «يۇقىرى باھا» سىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

ھەبىبۇللا خالىق ئاخىرىدا ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن يازغۇچى ۋە دراماتورگ مەمتېلى زۇنۇننىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ 1980- ۋە 1990-يىللاردا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە ئابدۇغوپۇر شاپتول داموللادەك كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى بويىچە تارىخنىڭ ھەقىقىي تەرىپىدە تۇرۇپ كەلگەن بىر مەسئۇلىيەتچان تارىخچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دولقۇن ئەيسامۇ ئۇستازى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ كىشىلىكى ۋە مىللىي مەۋقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆز ھاياتىدا ئىنتايىن مول بولغان ئۇيغۇر يەر ئاستى كۇتۇپخانىسى ۋە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئارخىپ ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ 1930-يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلغان بارلىق يازمىلىرىنى تاپقىلى بولىدىكەن. 1980- ۋە 1990-يىللاردا بەزى زىيالىيلار سىياسىي شاماللارغا ئەگىشىپ قەلەم تەۋرەتكەندە نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى زامانلاردا يازغان مۇشۇنداق يازمىلىرىنى كوپىيە قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنى تارىختىكى خاتالىقلىرىنى قايتا تەكرارلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت