ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى (3)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. 2013-يىلى، گېرمانىيە.
مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. 2013-يىلى، گېرمانىيە.
RFA/Qutlan

1988-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىگە چۈشتۈم. بۇ مېنىڭ ۋەتىنىمدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرەتتىكى ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى بولدى.

مەن ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان يىلى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى ئۆزىدىن ئاڭلىغان: «ۋەتەن مۇشۇنداق تۇرۇۋەرمەيدۇ. بۇ ۋەتەن ھامان ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئەسلىگە قايتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن-خەلقىمىزنىڭ سىلەردەك ياشلارنىڭ دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا بۇ دەۋانى ئاڭلىتىپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجى بار.»

مانا مۇشۇ بىر جۈملە سۆز ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرماقتا. 1980-يىللاردىكى ئون يىللىق ھايات ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەرخىللىرىغا ئۆزىمىز ھەققىدە، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ئويلىنىش پۇرسىتى بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، مەن ۋە مېنىڭ ئىدىيەممۇ ئەنە ئاشۇ ئويغاق دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

ئاۋسترالىيەگە كەلدىم. كېلىپلا بۇ يەردە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا تەمىن ئەتكەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، چۈشەندىم. ھوقۇقسىزلىقنىڭ پارلاق ئۆتمۈشى ۋە مىللىي قەدىرىيىتى بولغان بىزدەك بىر مىللەتنى يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە قانداق بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلدىم.

مەن ياش بولغاچقا بۇ ئەلدىكى ئەۋزەل ئىجتىمائىي پاراۋانلىققا تايىنىپ بىكار يۈرۈشنى خالىمىدىم. ئاۋسترالىيەنىڭ قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرى كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنغاچقا، بۇ ساھەدىكى شىركەتلەرنىڭ مۇسۇلمان خىزمەتچىلەرگە ئېھتىياجى بار ئىكەن. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئىمتىھان بېرىپ كىردىم. ئۇزاق ئۆتمەي خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىپ، ئادېلايد شەھىرىدىن 270 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوي گۆشى ئېكسپورت شىركىتىنىڭ قۇشخانىسىغا ئىشقا چۈشتۈم.

قۇشخانا ئىنتايىن زامانىۋى ئەسلىھەلەر بىلەن ياسالغان خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئورۇن ئىدى. مەن مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھالال قوي گۆشى قۇشخانىسىدا قوي بوغۇزلىدىم. كۈندە 3 مىڭ قوينى بوغۇزلاپ، ھالال ئىكەنلىكىگە ئىمزا قويۇپ ئۆتكۈزەتتىم. بۇ يەردە شۇ ئىشلىگەنچە 4 يىل بېرىلىپ ئىشلىدىم. پۇلمۇ تاپتىم. كېيىنچە مائاشى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق شىركەتكە يۆتكەلدىم.

ۋەتەندە گالستۇك تاقاپ 10 يىل ئەپەندىچىلىك قىلغان ھۈسەن ئەپەندى ئەمدىلىكتە قولىغا پىچاق تۇتۇپ، قوي بوغۇزلايدىغان كەسپىي قاسساپ بولۇپ قالغان ئىدى. 4 يىلدىن كېيىن ئادېلايد شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم.

بۇ يەردە پاياتلاش كەسپىنى ئۆگىنىپ پاراخوت ياساش زاۋۇدىنىڭ بىر سېخىغا ئىشقا كىردىم. بۇ 1990-يىللارنىڭ باشلىرى ئىدى.

شۇ يىللىرى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدەك تارىخىي مۇقەررەرلىكنىڭ سىگناللىرى چېلىنىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئالدى بىلەن بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئېستونىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋا قاتارلىق 3 دۆلەت مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. ئاندىن باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق جاكارلىدى. دەل شۇ پەيتلەردە قەلبىمگە سىغمىغان بىر ھاياجان بىلەن ۋەتەنگە قايتتىم. غۇلجىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئاندىن قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا باردىم.

ھالبۇكى، مۇستەقىللىق جاكارلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستاندا مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندەك بىر خىل ھاياجان ياكى مىللىي ئىپتىخارلىق كەيپىياتىنى ھېس قىلالمىدىم. تاشكەنتتىكى كۈنلىرىمدە تەلىيىمگە بىر چوڭ يىغىلىش بولدى. يەنى خارجىدىكى (چەتئەللەردىكى) ئۆزبېك مۇھاجىرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان بىر چوڭ سۆھبەت يىغىنى بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 30 نەچچە ئۆزبېك مۇھاجىرى بىلەن ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ يۈزلىگەن ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەن يىغىندا سۆز قىلغان ھۆكۈمەت كاتتىلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆزبېك مۇھاجىرلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن ھېچبىر تۇتامغا چىققۇدەك يېڭىلىق ھېس قىلالمىدىم. سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن مۇھاجىرلار ئۆزلىرىگە يەر-جاي بېرىلىش توغرىلىق، ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۆزبېك مۇھاجىرلىرى سودا-تىجارەتتە ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئارىلىقتا يىغىن رەئىسىگە باغاقچە چىقىرىپ سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلدىم. ئىجازەت بېرىلدى.

مەن سەھنىگە چىقىپلا: «سىز، مۇستەقىل ئەمەسسىز!» ‏ دەپ سۆز باشلىدىم. ھەممە ھەيران بولۇپ ماڭا قاراشتى. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم‏ : «بىرىنچى، مەن بۈگۈن بۇ سورۇندا ئۆزلىرىنى پارلامېنت ئەزاسى-دېپۇتات دەۋاتقان ئەربابلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق تۇيغۇسىنى كۆرمىدىم. رازىقىپ كۈتكەن مۇستەقىللىق، يەنى بىر ھۆر ۋەتەننىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشى بۇنداق كەيپىياتتا بولمايدۇ. ئىككىنچى، بۇ ۋەتەننىڭ بىر پارچىسى، يەنى ئەڭ يېقىن قوشنىسى ۋە قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇر خەلقى مۇستەقىل بولماي تۇرۇپ، سىلەرنى ھەقىقىي مۇستەقىللىققا ئېرىشتى دېيەلمەيمەن. چۈنكى، يېقىنقى يۈز يىللار مابەينىدە، يەنى خىتاي 1884-يىلى ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى ‹شىنجاڭ› دەپ ئۆزگەرتكەندىن بۇيان، ئۇيغۇر خەلقى ئۆز كۆكسىنى قالقان قىلىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەھدىتىنى توسۇپ كېلىۋاتىدۇ. ‹غۇنىجىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ› دېگەندەك، ئەگەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى يولىدىكى كۈرەشلىرى خىتاينى تۇتۇپ تۇرمىسا، سىلەرنىڭ ھالىڭلار بىزنىڭكىدىنمۇ بەتتەر بولاتتى. ئۆزبېكىستاندا بۈگۈن ئاھالىنىڭ ئاران 15 پىرسەنتى رۇس تۇرۇپ، بۇ يەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئەپەندىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ خوتۇنلىرى رۇس ئىكەن...»

يىغىن رىياسەتچىسى شۇئان سۆز قىلىشىمنى چەكلىدى. بۇ يىغىندا كەرىموفنىڭ ئۆزىمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ رۇس بولغاچقا، بەلكىم گېپىم ئۇنىڭغىمۇ ياقمىغان بولۇشى ئېنىق ئىدى. پەستىكىلەر چاۋاك چېلىپ مېنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىمنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق سۆزلەشكە رۇخسەت بەرمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ سۆزۈم ئۆزبېكىستاندىكى رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە بېسىلىپ مۇخبىرلار بەس-بەستە مېنى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ‹ئەرك پارتىيەسى› نىڭ باشلىقى مۇھەممەد سالىھ، ‹مىللىي بىرلىك پارتىيەسى› نىڭ باشلىقى پولات قادىرى قاتارلىق كىشىلەر مېنى ئىزدەپ سۆزلىشىشكە باشلىدى. ئۇ چاغلاردا تېلېۋىزىيەلەر تېخى جۇمھۇرىيەتلەر بويىچە ئايرىلمىغان ۋاقىتلار بولغاچقا، بۇ سۆزۈمنى قازاقىستاندىكىلەرمۇ، ھەتتا قورغاستىكىلەرمۇ ئاڭلاپتۇ.

شۇ تەرىقىدە ئۆزبېكىستاندا 4 ئايدەك ساياھەت ۋە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئاخىرى قورغاس ئارقىلىق غۇلجىغا قايتتىم. ئەپسۇسكى، قورغاس ئېغىزىدا خىتاي ساقچىلىرى مېنى ۋەتەنگە كىرگۈزمىدى.

(داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت