ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-31
بىز ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ ۋابالى ھەققىدىكى ھەرخىل ئەسەرلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ كەلگەنىدۇق. ئەيدىز ئەنە شۇنداق پۈتمەس – تۈگىمەس ۋابا بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىز بۈگۈن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەپتىلەردە يەنە داۋاملىشىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئالدى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان، لېكىن ئۆزى ھاياتقا شۇنداق تەشنا، بىغۇبار، مەسۇم بىر ئۆسمۈر ھەققىدىكى قىسقىچە تەرجىمە ھېكايىنى ئاڭلىتىپ ئۆتىمىز.
2011-12-31
ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش ئالدىدا دوختۇر، سېسترالارنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكىدىن دوكلات باشلاندى. ئەخمەت ئاكىنىڭ ھالى ناچار كۆرۈندى. چىرايلىرى سارغىيىپ، ئورۇقلاپ كەتكەندەك پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.
2011-12-24
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى ئىككى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئەيدىز كېسىلىنى تېببىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن ئەيدىزگە دىنىي نۇقتىدىن قانداق قاراش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنى، ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلا ۋە «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» دېگەن كىتابنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
2011-12-24
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۆمەرجان ياتاققا كىرىپ ماڭا- «سائەت يەتتىدە ئىشخانىغا بېرىڭ» دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. مەن شەمشىجامالنى، ئابلىزنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتىم. ئۇجۇقۇپ كەتكەندىن كېيىن مەن ياتاقتىكى قىزلارنى رەنجىمەستىن سىرتقا چىقىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندۈم ...
2011-12-17
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى ئىككى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئەيدىز كېسىلىنى تىببىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن تۇرۇپ تەھلىل قىلىنغان ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىنى ئاڭلاتقانىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن ئەيدىزگە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قانداق قاراش كېرەكلىكى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى، ئاندىن بىر ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئېلىنغان: «ئەۋەتىلمىگەن خەت» ناملىق ئەسەرنى ئاڭلايسىلەر، ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» دېگەن كىتابنىڭ داۋامى ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
2011-12-17
مەكتەپ بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. بارلىق مىللى ئوقۇغۇچىلار مەمۇرىيەت بىناسىدىكى كىچىك يىغىن زالىغا يىغىلدۇق. مەكتەپ مۇدىرى باۋۇدۇن يىغىندا دوكلات بەردى.
2011-12-10
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئالدىنقى پروگراممىمىزدا سىلەرگە دۇنيا سەھىيە ساھەسىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ھەققىدىكى ئاڭلىتىشىمىزنىڭ بىر قىسمىنى بەرگەنىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىنى، ئاندىن ۋەتىنىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋات ۋە چۈشەنچىلىرى، ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كۆز - قاراشلىرى تېما قىلىنغان دوكلاتنىڭ خۇلاسىسىنى ئاڭلايسىلەر، ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» دېگەن ئەسەرنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
2011-12-10
كۈنلەر ئەنە شۇنداق كۆڭۈلسىز ۋە ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ئۆتتى. بىر كۈنى ئۆپكە كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە دەرس ئوقۇپ ئولتۇراتتىم، ئەخمەت توختى ئاكا يېنىمغا كېلىپ باش تەرىپى پۈكلەنگەن بىر پارچە خەتنى ئالدىمغا قويۇپ:
__ بۇ خەتنىڭ پۈكلەنگەن يېرىدىن تۈگىگىچە ئوقۇپ چىقىڭ! دەپ خەتنى قويۇپ چىقىپ كەتتى.
2011-12-03
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئالدى بىلەن دۇنيا سەھىيە ساھەسىنى قاتتىق ساراسىمىگە سېلىۋاتقان، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىنى ئۆزىنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىغا چۈشۈرۈۋېلىپ، دۇنيا خەلقىنى ئېغىر ئازابقا قويۇۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. ئاندىن تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن ھىلال يازغان: «ئۈچ مىللەت، ئۈچ خىل تەبىئەت» ناملىق ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن: «ئاشىق» تەخەللۇسىدىكى بىر ھەۋەسكار شائىرىمىزنىڭ: «دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ بۈگۈن» دېگەن شېئىردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» دېگەن ئەسەرنىڭ داۋامى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.
2011-12-03
بىز مەكتەپكە قايتساق ھەر بىرىمىزنى ھەر قايسى دوختۇرخانىلارغا پراكتىكىغا بۆلۈپ قويغان ئىكەن.
ئابلىز، سېتىۋالدى، مەريەم ۋە مەخمۇتلارنى 2-دوختۇرخانىغا، ئابلىكىمنى ھەربىي دوختۇرخانىغا، مېنى، غوپۇرنى، تۇرنىسانى ۋە ئەخمەت ئاكىنى مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا بۆلۈپتۇ ...
2011-11-26
ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتى، نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمىغانلىقى، كىملەر تەرىپىدىن، نېمە سەۋەبتىن يىقىتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قەلەمگە ئالغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئاخىرلاشتىمۇ؟» دېگەن ماقالىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا يەنە بۇ ھەقتە سۆھبەتلەرنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن پىدائىي تەييارلىغان «بولالمىدۇق ياخشى ئەر» دېگەن شېئىرنى ۋە « كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.
2011-11-26
مەكتەپكە قايتىپ كېلىشىمىز بىلەن تەڭ قىزلار ئارىسىدا «شەمشىجامال قورساقلىق بولۇپ قاپتۇ» دېگەن سۆز تارقاپ كەتتى. بۇ يىل مەكتەپ تەشكىلى «مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت يوق، ئەگەر مەكتەپتە قورساقلىق بولۇپ قالسا ئوغۇلمۇ، قىزمۇ مەكتەپتىن قوغلىنىدۇ» دېگەن قارارنى چىقارغان ئىدى…..
2011-11-26
مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سابىق سوۋېت ئېلىنىڭ بارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىدە سىياسىي تەقىپلەشلەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىڭلىغان ئىلغار پارتىيە، دۆلەت، مەدەنىيەت ئەرباپلىرى، شۇنداقلا ھەربىي كادرلار، ئېگىلىك رەھبەرلىرى، زىيالىيلار «ئىنگلىز ئىشپيونى»، «ياپون ئىشپيونى»، «تروتسكىيچى»، «خەلق دۈشمىنى» گە ئوخشاش قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى سوت - سوراقسىز تۈرمىلەرگە تاشلاندى ھەم ئېتىلدى. بۇ دەھشەتلىك تەقىپلەر ھەتتا يىراق يېزىلارغىمۇ يېتىپ بارغان ئىدى. مانا شۇلارنىڭ بىرى ياركەنت تەۋەسىدىكى سادىر يېزىسىدۇر.
2011-11-19
تەشكىلات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قازاق ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى. مۇزاكىرىدە، قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەقسىتى توغرا مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقتىن دېيىشتۇق.
2011-11-19
بىز بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى، 1933 – ۋە 1944 – يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بەزى تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە پروگرامما تەييارلاپ، ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ كەلدۇق.
2011-11-12
«شەرقىي تۈركىستان مېھنەتكەش خەلق پارتىيىسى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى
2011-11-05
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بۇ يىللىق قۇربان ھېيت ھارپىسىغا توغرا كەلگەن بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختىيار ھېس قىلماقتىمەن مەن.
2011-11-05
«شەرقىي تۈركىستان مېھنەتكەش خەلق پارتىيىسى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى
2011-10-29
ئىككى مېتىرغا يېتىدىغان ئېگىز بويلۇق، قاپقارا چاچ-ساقاللىق، كەمسۆز، ئەمما بارلىق يۈرەك سۆزىنى بىر جۈپ قارا كۆزى بىلەن ئىپادىلەشكە كۆنۈپ كەتكەن بۇ كىشى خەلقىنى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىشقا چاقىرىپ يازغان مەكتۇبىغا مۇنۇ قۇرلارنى يازماقتا ئىدى:
2011-10-22
2. قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، سىياسىيون، دىن ۋە دۆلەت ئەربابى، رەئىسى جۇمھۇر مارشال ئېلىخان تۆرە شاكىرخان تۆرە ئوغلى 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق ( بالاساغۇن) شەھىرىدە بىر ھاللىق ئۆزبېك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
2011-10-15
ۋەتەن سىرتىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز: «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق» دېگەن جۈملىنى ئاڭلىغان بولۇشى ۋە بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشى مۇمكىن.
2011-10-08
سابىت داموللام ئابدۇلباقى كامالى 1883-يىلى ئاتۇشنىڭ ئازراق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.
2011-10-01
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا بولۇپمۇ، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستاندا ئاجايىپ كاتتا بۇرۇلۇش، دەۋر بۆلگۈچ ئۇلۇغ ئىشلار ئارقا – ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىقىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرى، كۇئىنلۇن باغرى، ئىلى ۋادىلىرى، تۇرپان ئويمانلىقى، قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇر خەلقى جاھالەت پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزى ۋە دۇنياغا قايتىدىن نەزەر تاشلاشقا باشلىغان يىللار بولدى.
2011-10-01
1959-ۋە 1960-يىللار ھەممىگە مەلۇم دۆلەت بويىچە ئاچارچىلىق يۈز بەردى.
2011-09-24
1958-يىلى 10-ئايلاردا رۇدا قېزىش ئۈچۈن شياۋلوڭكۇغا باردۇق، شياۋلۇڭكۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 100كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ساي ئىدى….
2011-09-24
ئالدىنقى ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان مەشھۇر شائىر، خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ۋە ئەمەلىي ئىش – ئىزلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پىداكار جەڭچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق.