سوراقتىكى «سەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

ساقچىنىڭ تۇنجى ئىزدىشى 1997-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بولغان، ئۇ چاغدا ساقچى مۇغەمبەر ۋە سىپايە، مەن ساددا ۋە تۈرگۈن ئىدىم.

ئارىدىن 8 يىل ئۆتۈپ تۈركىيەگە تەتقىقاتقا مېڭىش ئالدىدا سىرلىق بىر «چاي» ئىچتىم. سۆھبەتتە گەنسۇ ئۆلكىلىك بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىن كەلگەنلەر مېنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال ئالداپ، كېيىن قىستىدى. تەھدىت سېلىنغان تارىخىم شۇ چاغدا باشلاندى. شۇندىن كېيىن ئىزدەش، سوراش ۋە تەھدىت سېلىشلار كۆپ بولغاچ كۆنۈپمۇ قالدىم. سايەمدەك ئەگەشكەن ئۇ خىلدىكى «سۆھبەت» ۋە «چاي» لاردا مەن سورۇنغا سىيلىق تەكلىپ قىلىنغۇچى بولغاچقا ھېكايە سۆزلىگۈچى، رىياسەتچى ئىدىم، ئىززەتلىك مېھمان ئىدىم، «سىز، سىلى، ئۆزلىرى» دېيىلەتتىم. 2013-يىلى 19-ئاۋغۇستتىكى تۇتقۇن قىلىشتا مەن «مەھبۇس» قا، تەييار جىنايى ھېكايىنىڭ سەنلەنگەن پېرسوناژىغا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندىم.

قەشقەردىكى تۇنجى سوراقتا مەندىن خېلىلا كىچىك، بالامدەك بىر ساقچى سوراقنى سەنلەپ باشلىغاندا جۇدۇنۇم تۇتۇپ ئۆزۈمنى ئاران بېسىپ ئولتۇرغان ئىدىم. قارىسام، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى سوراقتا مەندىن سەل چوڭ بىر ئايالمۇ سەنلەپ چۈشتى. كېيىنكى سوراقلاردا بالامدەك «شۇمتەكلەر»نىڭ ۋە ئاياللارنىڭ سەنلىشىدىن خورلۇق ھېس قىلدىم. ئۇيغۇرلاردا سەنلىشىش ئادەتتە يېقىنلىقنىڭ، ئامراقلىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى بولسىمۇ، سوراقتا تۈكۈرۈك چاچرىتىپ سەنلەشتە كەمسىتىشتىن باشقا مەنە يوق ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى سوراقلاردا قەشقەر تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان مۇختەر ئەمەت دائىم مېنى سەنلەپ، تەھدىت سېلىپ نەپرىتىمنى قوزغايتتى. بىر كۈنى يەنە سەنلەپ ئېغزىنى بۇزدى. تاقىتىم توشتى، بۇنداق قىينىغاندىن ئېتىپلا ئەتسىچۇ، دەپ ئويلاپ يۈرگەن بولغاچ بۇ ئاھانەتنى سىڭدۈرەلمىدىم.

-ئاتىدىغان ئىشىڭ بولسىمۇ سەنلەپ ھاقارەت قىلماي تۈزۈك گەپ قىلمامسەن؟ ماڭا بۇنچىلىك ۋەھشىيلىك قىلغۇدەك سەن بىلەن شەخسى ئاداۋىتىم يوق. مەندە سېنىڭ بۇ ھەيۋىلىرىڭدىن قورقۇپ دەپ تاشلىغۇدەك جىنايەتمۇ يوق. ھېلىغۇ ۋارقىراپ جارقىرايدىكەنسەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسەڭمۇ دەيدىغىنىم شۇ، مەن گۇناھسىز!- دېدىم چىدىماي. مۇختەر توپتەك سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

سوراقخانا ئىككى تەرەپكە كامېرا قويۇلغان بىر ئۆي بولۇپ، ئىچىدە تۆمۈر رېشاتكىلىق بىر قەپەس، قەپەسنىڭ ئىچىدە قاپقارا يولۋاس ئورۇندۇق بار ئىدى. مەھبۇس سوراقخانىغا ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن قەپەسكە قامىلىپ يولۋاس ئورۇندۇققا پۇت، قول ۋە بويۇندىن باغلىناتتى. شۇ ھالەتتىكى مەھبۇستىنمۇ قورقۇمدۇ-قانداق، قەپەسنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ئېتىشەتتى. سوراقچىلار قەپەستىن بىرەر مېتىر يىراقتا، ئالدىغا بىر شىرە قويۇپ ئولتۇراتتى.

مۇختەرنىڭ ئەلپازىدىن شۇ تاپتا مېنى يەۋەتكىسى باردەك ئىدى. ئەمما ئىككىمىزنى ئايرىپ تۇرغان تۆمۈر قەپەس ئۇنى دەماللىققا مەقسىتىگە يەتكۈزمىدى. تەلىيىمگە سوراقخانىغا بىرى كىرىپ ئۇنى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى. مۇختەرنىڭ چىقىپ كېتىش ئالدىدا «خەپ جۇما!» دېگىنى كامېرغا قايتقىنىمدا ئايدىڭلاشتى.

كامېرغا قايتىپ كىرگىنىمدە «تاماق» سوۋۇپ قاپتۇ. ئالدىمدا تاماق دەپ ئاتىماي بولمايدىغان بىر قاچا سۇيۇقلۇق ۋە تاشتەك قاتقان ئىككى موما تۇراتتى. قايناق سۇغا ئۇۋاق مۇچ سېلىپ ئېتىلگەن بۇ سۇيۇق تاماق گۇندىپاينىڭ تىلىدا يېسىۋىلەك شورپىسى، مەھبۇسلارنىڭ تىلىدا «ئازاب شورپىسى» دېيىلەتتى. قاماققا مەھكۇم بولغاندىن بېرى ئالدىمغا كەلگەن تاماقنى «بىسمىللا» دەپ تۈگىتىپ يېيىشكە كۆنگەن ئىدىم. شۇڭا ماڭا قالغان بۇ تاش موما ۋە ئازاب شورپىسىنى ئازابلارنى چاندۇرماي ئولتۇرۇپ پاك-پاكىزە تۈگەتكەن بولدۇم.

كەچلىك نۆۋەتچىلەرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنغاندا مۇختەرنىڭ «خەپ جۇما!» دېگىنىنىڭ سىرى ئېچىلدى. مېنى پۈتۈن بىر كېچە نۆۋەتچىلىككە تىزىپ قويۇپتۇ. مەندىن باشقا ھەممىسى كونا مەھبۇسلار بولۇپ پەقەت مەنلا كېچىچە ئالماشماي كۆزەتچىلىك قىلىدىكەنمەن. نۆۋەتچىلىك دېگىنى كامېردىكى مەھبۇسلارنىڭ ئىككىدىن بولۇپ كامېرنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇخلىماي كۆزەتتە تۇرۇشى ئىدى. كامېرنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغۇچى باش نۆۋەتچى، ھاجەتخانا ئالدىدا تۇرغۇچى مۇئاۋىن نۆۋەتچى دېيىلەتتى. ئەتىسى باش نۆۋەتچى كېچىلىك ئەھۋالدىن دوكلات قىلاتتى. ئادەتتە باش نۆۋەتچى خىتاي ياكى تۇڭگانلاردىن بولاتتى. باش نۆۋەتچى ئانچە مۇنچە ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزسە بولاتتى، ئەمما مۇئاۋىن ھەر زامان دىققەتتە تۇراتتى. قاماقتا جاپانى مۇئاۋىن ئۇيغۇر تارتىپ دوكلاتنى خىتاينىڭ قىلىشى ماڭا ئۇيغۇر ساقچىلار ئارىسىدا تارقالغان «ئۇيغۇر ساقچى گوباۋغا ياخشى، خىتاي ساقچى خۇيباۋ (دوكلات) غا» دېگەن گەپنى ئەسلىتەتتى. نۆۋەتتە تۇرغۇچى ئۇيغۇر مۈگدىمەسلىكى، دىققەتتە تۇرۇشى، تامغا يۆلەنمەسلىكى، ئۇخلاۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتى ۋە كەيپىياتىغا پەخەس بولۇشى كېرەك ئىدى.

نۆۋەتتە تۇرۇپ مۈگدەپ قالغان ئوخشايمەن. مەيدەمگە تەككەن قاتتىق بىر پەشۋادىن ئۆزۈمنى يەردە كۆردۈم، ئۇيقۇم ئېچىلىپ قارىسام سائەت ئون ئىككى يېرىم بوپتۇ. كۆزۈمنى ئۇۋىلاپ قوپۇپ باش نازارەتچىدىن كەچۈرۈم سورىدىم ۋە يۈزۈمنى يۇيۇشقا ئىجازەت ئالدىم. ئىككىنچى پەشۋادىن سەنتۈرۈلۈپ بېشىم تامغا تەگكەندە كۆزۈمنى ئاچسام سائەتنىڭ ئۈچ يېرىم بولغانلىقىنى كۆرگىنىم غۇۋا ئېسىمدە. ئەتىسى دوكلاتتا مېنىڭ ئىككى قېتىم مۈگدەپ قالغانلىقىم ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بەدىلىگە بىر كۈن خالانىڭ ئوچىقىنى چوتكىلاشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇ كۈنى بىر سىياسىي مەھبۇستىن باشقا ھەممىسى ئۆزى خالىغانچە ھاجەت قىلىشتى. ھاجەتكە بىرى بېرىپ بولغۇچە مەن داسقا سۇ ئېلىپ تەييار بولاتتىم ۋە تەرەتنى سۇ تۆكۈپ ماڭدۇرغاندىن كېيىن چوتكا بىلەن ئوچاقنى تازىلايتتىم. سوراق ۋە نۆۋەتچىلىكتە ئۇزۇن ئۇيقۇسىز قالغاچ مەن يەرگە دەسسەپ ماڭدىممۇ يا يەر مېنى دەسسەپ ماڭدىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇيقۇم شۇنداق تاتلىق كېلەتتىكى، ئۆرە تۇرساممۇ مۈگدەپ قېلىپ تاياق يەيتتىم، ئەمما شۇنچە پەشۋا تەستەكلەرمۇ ئۇيقۇمنى بىرەر سائەت قاچۇرۇپ بولالمايتتى. ماڭا تاياق يېيىش ۋە ئوچاق چوتكىلاشتىن بەكرەك ئېغىر كەلگىنى تەرەت قىلىشتىن بۇرۇن بۇيرۇق قىلىدىغان ۋە قىلىپ بولۇپ بېشىمدا دېۋەيلەپ نازارەت قىلىدىغان ئوغرى، قاتىل، ئالدامچىلارنىڭ ھەيۋە قىلىشلىرى، مازاق قىلىشلىرى ۋە تېپىپ دۈشكەللەشلىرى ئىدى.

سوراقچىلارنىڭ سەنلىشىگە، سەتلىشىگە ئاران چىداپ ئۇنتۇغاندەك بولۇپ تۇرسام تەپتىشتىن كەلگەنلەرنىڭ سەنلىشىگە دۇچ كەلدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان بىر قىز سەنلەشتە قىينىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ھېسداشلىقى كۆزلىرىدىكى مۇڭ ۋە ھەرىكىتىدىكى قولاشماسلىقتىن مەلۇم ئىدى. قارىغاندا زالىملىق ۋەزىپىسىنى ئاق قارىنى پەرق ئەتكەنلەر تازا قاملاشتۇرالمىسا كېرەك. قىزنىڭ سىيلىق مۇئامىلىسىدىن غەيرەتلىنىپ، «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان، چوپ-چوڭ ئادەملەرنى سەنلەش ۋەزىپەڭلار بارمۇ؟ جۇڭگونىڭ قانۇنىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سەنلەپ، سەتلەپ ئاتاڭلار دېگەن ماددا بارمۇ؟ بۇ ئۇيغۇرچە سوراق خاتىرەڭلار بىر شەكىل، ھامان ئىشلىتىلمەي ئەخلەت بولىدۇ، چۈنكى كېسىمدە خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ھېساب قىلىدۇ. مېنى ئۇيغۇرچە سەنلەپ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۇيغۇرغا ئۆچ، دۆلەتكە سادىق ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاپ بولالمايسىلەر. خەنزۇچىدىكى ‹نى› دېگەن ئالماشنىڭ ھېچ قانداق ئاشۇرما ياكى چۈشۈرمە مەنىسى يوق بولغاچقا ماڭا ئۇيغۇرچە ھەر قانچە سەنلەپ، سەتلەپ دەپ ۋارقىرىساڭلارمۇ خەنزۇچە تەرجىمىدە ئىپادىلەنمەيدۇ، شۇڭا باشلىقىڭلارنىڭ ئالدىدا مېنى كەمسىتىپ دۆلەتكە ساداقەت بىلدۈرگىنىڭلارمۇ ئىسپاتلانمايدۇ. قانۇندا ‹ئۇيغۇرنى سەتلەپ سەن دەڭلار،› دېگەن ماددا بولمىغاندىكىن، مېنى ئۇيغۇرچە سەنلىمەي خەنزۇچە ‹نى› لا دەڭلار!» دېگىنىم ئېسىمدە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت